سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، :
2016-يىلى 29-مارت، ئۈرۈمچى ۋاقتى 5:30 دە 2015-2016-پەسىللىك NBA بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە، تاقا كوماندىسى مېھمان مەيداندا 101-87 نومۇر بىلەن كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە تاقا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا مەغلۇپ بولماسلىقتەك نەتىجىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقە جەريانىدا تاقا كوماندىسىدىن:
ئالدىرىج 31 نومۇر، 13 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 ياردەم توپ بەردى. مىللس 17 نومۇر ئالدى، 4 ياردەم توپ بەردى. ئاندېرسون 13 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 ياردەم توپ بەردى. دىيور 13 نومۇر، 6 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسىدىن:
گىرېن 12 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 ياردەم توپ بەردى. بارنېس 11 نومۇر، 9 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 ياردەم توپ بەردى. كارتېر 14 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.