سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، :
2016-يىلى 29-مارت، ئۈرۈمچى ۋاقتى 5:30 دە ئۆتكۈزۈلگەن 2015-2016-پەسىللىك NBA بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە، چاقماق كوماندىسى مېھمان مەيداندا 119-100 نومۇر بىلەن ئەجدىھا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى ئۇدا 8 مەيدان غەلىبە قىلىشتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقە جەريانىدا چاقماق كوماندىسىدىن:
كېۋىن دۇرانت 34 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 ياردەم توپ بەردى. ۋېستبروك 26 نومۇر، 11 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 12 ياردەم توپ بەردى. ئىباك 15 نومۇر، 8 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. ۋايتېرس 15 نومۇر، 2 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 ياردەم بەردى. ئادامس 10 نومۇر، 9 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 ياردەم توپ بەردى.
ئەجدىھا كوماندىسىدىن:
دېروزان 19 نومۇر، 2 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 ياردەم توپ بەردى. پوۋېل 18 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. لوۋرى 14 نومۇر، 2 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 ياردەم توپ بەردى. پاتتېرسون 13 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 ياردەم توپ بەردى. ۋالانسۇناس 10 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.