مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر سۈرەتلەر: توپ توسۇۋالغان باش
  • NBA چولپانلىرى جۇڭگو سەپىرىنى باشلىدى
  • كىرىستيانو رونالدو چېنىقىش ئۆيىدە چېنىقىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلدى
  • بىرازىلىيە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىگە ئوت يېقىلدى
  • ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر سۈرەتلەر: كۆز يېشى
  • ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر سۈرەتلەر: تەبرىكلەش
  • ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر سۈرەتلەر: باش كىيىم
  • ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر سۈرەتلەر: قىزىقارلىق چىراي
  • پېللېگرىنى خېبېي خۇاشىيا شىڭفۇ كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولدى
  • گېرمانىيە بىرلەشمىسى تۇنجى ئايلانما: بايرىن مىيۇنخېن 6-0 بىرېمېن
  • كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسىللىك تەشۋىقات فىلىمى
  • NBA توپچىلىرىنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى ئېغىر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى
  • ئەينى يىللاردىكى كۆل ئادىمى ۋە راكېتا كوماندىلىرى ئارىسىدىكى تىركىشىش
  • گېرمانىيە ئا دەرىجىلىلەر ىىرلەشمىسىدىكى ھەرقايسى كۇلۇبلارنىڭ كىيىم باھاسى
  • NBA چولپانلىرىنىڭ يەنە بىر قىزىقىشى-كالتەك توپ
  • جۇڭگو-قاتار مۇسابىقىسىگە ئالدىن نەزەر

    مەنبە :sports.sina.com.cn       يوللىغۇچى : ساۋاتسىز       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-29

    سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، :

    3-ئاينىڭ 29-كۈنى (سەيشەنبە)، ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچقۇرۇن سائەت 6:15 ئۆتكەندە دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى ئاسىيا مۇسابىقە رايونىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچى ئىككى تەرەپ: جۇڭگو كوماندىسى-قاتار كوماندىسى. جۇڭگو كوماندىسى شىئەندە ساھىبخان ھالەتتە قاتار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ. بۇ 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 40 كۈچلۈك كوماندا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقە ھەمدە جۇڭگو كوماندىىسنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇسابىقە. ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان قاتار كوماندىسىنى يەڭسە، نەزەرىيە جەھەتتىن 12 كۈچلۈك كوماندىغا كىرىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ. 

    1.ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد ئۈچۈن جەڭ قىلىش 

    3-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو كوماندىسى ۋۇخەندە مالدىۋى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ «ساپ توپ سانىنى ئاشۇرۇش» خىزمىتى ئورۇندالغىنى يوق. بىراق جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا «گۇرۇپپىنىڭ ئىككىنچىلىكىنى تالىشىش جېڭى»گە كىردى. ئەمەلىيەتتە بولسا جۇڭگو كوماندىسى ئۆزى تەۋە كوماندىنىڭ ئىككىنچىلىك ئورنىنى مۇقۇملاپ بولدى. 7 مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلغان قاتار كوماندىسى بولسا بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇقۇملاپ بولدى. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ 12 كۈچلۈك كوماندىغا كىرىشتىكى بىردىنبىر ئۈمىدى سەككىز گۇرۇپپا ئىچىدەئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن  نەتىجىسى ئەڭ ياخشى تۆت كوماندا ئىچىگە كىرىش. 

    بىراق جۇڭگو كوماندىسى يۈزلەنمەكچى بولغان رىئاللىق ناھايىتى رەھىمسىز. جۇڭگو كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقىشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئېرىشەلمىدى. ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى قاتار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلالىسا، ئۇ ھالدا جۇڭگو كوماندىسى يەنىلا باشقا گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگە قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ. باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ 5 مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تەقدىرى باشقا كوماندىلارنىڭ قولىغا قاراشلىق بولۇپ قالدى.

    جۇڭگو كوماندىسى ئەۋزەللىككە ئىگە بولالمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن جۇڭگو كوماندىسىدا يەنىلا ئۈمىد بار. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مۇسابىقىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشىمايدۇ، لېكىن مەيلى قاتار كوماندىسى قانداق پوزىتسىيە تۇتسۇن، قاتار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىش ئوڭاي ئەمەس. گاۋخۇڭبو جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغاندىن كېيىن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ قالغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىدە تولۇق غەلىبە قىلىش نىشانىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مالدىۋى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن گاۋخۇڭبو ھەقىقىي تۈردە سىناققا دۇچ كەلدى. 

    2-جۇڭگو كوماندىسى ئەۋزەللىككە ئېگە. لېكىن قىيىنچىلىقمۇ زور. 

    2015-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگو كوماندىسى 0-1 قاتار كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. گەرچە نومۇر پەرقى كىچىك، تۇيۇقسىزلا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئىككى تەرەپنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسىدىن قارىغاندا جۇڭگو كوماندىسىنىڭ قاتار كوماندىسىنى ئۇتۇشى، ساپ توپ ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشى ئىنتايىن تەس ئىش. ئىككى تەرەپ ھازىرغا قەدەر 8 قېتىم مۇسابىقە ئويناپ (دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە) جۇڭگو كوماندىسى 1 قېتىم  غەلىبە قىلىپ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ 4 مەيدان مەغلۇپ بولغان. 

    مالدىۋى بىلەن بولغان جەڭدە جۇڭگو كوماندىسى 40 قېتىم قاپقىغا قارىتىپ توپ تېپىپ 4 توپ كىرگۈزگەن. نۇرغۇن قېتىملىق نومۇر ئېلىش پۇرسىتىنى تۇتالمىغان. قاتار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسىغا بۇنداق كۆپ پۇرسەتلەرنىڭ كېلىشى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. شۇڭا جۇڭگو كوماندىسى ھەر بىر قېتىملىق پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانمىسا بولمايدۇ. ھەر بىر قېتىم كەتكۈزۈپ قويغان نومۇر ئېلىش پۇرسىتى جۇڭگو كوماندىسىنى يەنە بىر قېتىملىق قاباھەتكە باشلىشى مۇمكىن. 

    جۇڭگو كوماندىسىغا پايدىلىق يېرى شۇكى: يارىلىنىش ۋە مۇسابىقىدىن توختاش تۈپەيلىدىن قاتار كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىدىن تۆتى مەيدانغا چۈشەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتار كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلىنى پۈتۈنلەي ئالماشتۇردىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ ئېقىپ يۈرمەكتە. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانمىسا بولمايدۇ. 

    جۇڭگو كوماندىسى قاتار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى بۇرۇن توپ كەتكۈزۈپ قويغان شارائىتتا، قاتار كوماندىسىنىڭ تېز سۈرئەتلىك ھۇجۇمىدىن قارىغاندا جۇڭگو كوماندىسى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى جاڭ لىنفەن مەيدانغا چىقالايدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن خوش خەۋەر، مۇداپىئە جەھەتتە جۇڭگو كوماندىسى چوقۇم ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك. قاتار كوماندىسىغا ئىختىيارى توپ، بۇلۇڭ توپ باشلاش پۇرسىتى بەرمەسلىك كېرەك. 

    جېڭ جى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنالمىغاندىن كېيىن. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى مالدىۋى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان نۇقتىغا ئايلاندى. بىراق جۇڭگو كوماندىسى ئوتتۇرا مەيدان ئەزالىرىنى سىنايدىغان مۇسابىقە دەل بۇ قېتىملىق مۇسابىقە. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ئەزالىرى مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپلا قالماستىن، يەنە توپ كەتكۈزۈشتىن ساقلىنىپ، قارشى تەرەپكە تىز سۈرئەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغايدىغان پۇرسەتنى بەرمەسلىكى كېرەك. مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا، ھۇجۇمدىن مۇداپىئەگە ئۆتۈش خىزمىتىنى ياخشى تاماملىشى كېرەك. مالدىۋى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان ئەھۋالدىمۇ پاس يەتكۈزۈش رېتىمى تېز ئەمەس، رېتىم ئۆزگەرتىش ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، نۇرغۇن ئاجىزلىقلىرى ئاشكارىلىنىپ قالغان. بۇ قېتىم قاتار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە چوقۇم مۇسابىقە رېتىمىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

    چوقۇم ئۇتۇش زۆرۈر بولغان مۇسابىقىلەردە ھۇجۇم سېپى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. گاۋخۇڭبو بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئالدى مەيداننى تەڭشىشى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىسۇن، جۇڭگو كوماندىسى پىسخىكىلىق بېسىملارغا بەرداشلىق بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا قاپقىغا توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بۇ جۇڭگو كوماندىسى يەنە بىر يۈزلەنگەن مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. 

    جۇڭگو كوماندىسىغا ئەڭ پايدىلىق بولغان يېرى شۇ يەردىكى: قاتار كوماندىسىنىڭ ئارقا سەپتىكى مۇداپىئەچى ئەزالىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرى نىسبەتەن كۆپ، جۇڭگو كوماندىسى چوقۇم بۇ ئەھۋاللاردىن ياخشى پايدىلىنىشى، ئۈنۈمنى ئاساس قىلغان شارائىتتا دادىل ھالدا يالغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ، قارشى تەرەپكە بېسىم پەيدا قىلىشى، ھەرخىل ئورنى بېكىتىلىدىغان توپلارغا ئېرىشىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.

    جۇڭگو كوماندىسى 12 كۈچلۈك كوماندىغا كىرەلەمدۇ يوق، بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەك تەس. لېكىن جۇڭگو كوماندىسى چوقۇم قاتار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنى ياخشى ئوينىشى كېرەك. چۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقە جۇڭگو پۇتبولنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاقىشىدۇ. 




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز