تېڭشۈن تورى خەۋىرى، :
ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى مېھمان مەيداندا رۇمىنىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسى قارشى تەرەپتىن 10 قېتىم قاپقىغا ئاز تەپتى. قارشى تەرەپ گەرچە 19 قېتىم قاپقىغا توپ تەپكەن بولسىمۇ كاسىلىياسنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، ئىسپانىيە كوماندىسى توپ كەتكۈزمىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ياۋروپالىق توپچى بولۇپلا قالماستىن، ئابىدە خاراكتېرلىك بۇ مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمەي، توپ كەتكۈزمىگەن مەيدان سانىنى 101 مەيدانغا يەتكۈزدى.
كاسىلىياس 166 مەيدان خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، 165 مەيدان قاتناشقان لاتىۋىيەلىك سابىق پۇتبولچى ئاستافېفۇستىن ئېشىپ، تارىختىن بۇيان خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ياۋروپالىق توپچى بولۇپ قالدى. (ئىزاھات: ئاستافېفۇس 167 مەيدان مۇسابقىگە قاتناشتىم، دەپ قارايدۇ. لېكىن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۇ قاتناشقان ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.)
مەيدانغا چىقىشتا دۇنيا رېكورتىنى ساقلاۋاتقان پۇتبولچى مىسىرلىق پۇتبولچى ئەھمەد ھەسەن. كاسىلىياسنىڭ ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۈشكۈل. لېكىن ئۇ ياۋروپا لوڭقىسىغا ئوڭۇشلۇق قاتنشالىسىلا، سابىق ئېكىۋاتور پۇتبولچىسى ھۇرتادو ۋە مىسرىلىق يەنە بىر پۇتبولچى ھەسەننىڭ رېكورتىنى بۇزالايدۇ. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان قاپقىچى دېئايېئانىڭ رېكورتىنى بۇزۇشىمۇ ئىنتايىن قىيىن. چۈنكى ياۋروپا لوڭقىسىدىن كېيىن 35 ياشلىق كاسىلىياس دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىشى مۇمكىن. بۇسكمۇ كاسىلىياسنىڭ دېھىياغا قاپقىنى «چىرايلىقچە» تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا يوشۇرۇن بىشارەت بېرىپ ئۆتتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رۇمىنىيە كوماندىسى ئىنتايىن كۈچەپ ئوينىدى. ئۇلار مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆز مەيدانىدا ئۇدا بەش قېتىم ئىسپانىيەگە ئۇتتۇرمىدى. بۇ جەھەتتە ئۇلار تارىختا بىرىنچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇمىنىيە يېقىنقى 14 مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلمىگەن بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ ئۇزاق يېڭىلمىگەن كوماندىغا ئايلاندى، تۈركىيە 12 مەيدان بىلەن ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.
كاسىلىياس بۇ مۇسابىقىدە قالتىس ئويناپ، توپ كەتكۈزمەي يېڭى بىر تۈرلۈك رېكورت ياراتتى. ئۇ 166 مەيدان خەلقئارالىق مۇسابىقىنىڭ 101 مەيدانىدا توپ كەتكۈزمىگەن بولۇپ، تېخى ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر قاپقىچى توپ كەتكۈزمىگەن مەيدان سانىنى 72 مەيداندىن ئاشۇرۇپ باقمىغان. شۇڭا ئۇ يەنە توپ كەتكۈزمىسىلا ئۆزىنىڭ رېكورتىنى يېڭىلاپ ماڭىدۇ. ئۇ بۇنىڭ ئۇدا سەككىز مەيدان خەلقئارالىق مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمىگەن بولۇپ، ئۇدا توپ كەتكۈزمىگەن ۋاقتى 710 مىنۇتقا يېتىپ، ئۆزىنىڭ 814 مىنۇتلۇق رېكورتىغا يېقىنلىشىپ قالغان. تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئۇدا توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىنىڭ ئالدىنقى تۆتى كاسىلىياسقا تەۋە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 814 مىنۇت، 710 مىنۇت، 708 مىنۇت ۋە 685 مىنۇت. بارسېلونانىڭ مەشھۇر قاپقىچىسى سۇبسالېتا 645 مىنۇتلۇق نەتىجە بىلەن 5-ئورۇندا تۇرىدۇ.
قوشۇمچە: خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە مەيدانغا چىقىش رەت تەرتىپى
1-ئەھمەد ھەسەن، مىسىر، 184 مەيدان
2-ئېيادېيا، سەئۇدى، 178 مەيدان
3-كىراۋدىيو سۇئارېز، مېكسىكا، 177 مەيدان
4-ھوسسام ھەسەن، مىسىر، 169 مەيدان
5-ھۇرتادۇ، ئېكۋاتور، 169 مەيدان
6-كاسىلىياس، ئىسپانىيە، 166 مەيدان
7- ئاستا فېفۇس، لاتىۋىيە، 165 مەيدان
8-كوبى جونىس، ئامېرىكا، 164 مەيدان