دۈشەنبە خەلقئارا نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى،بۈگۈن ياۋرۇپا بازىرى پاسخا بايرىمى سەۋەبىدىن بازار دەم ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن، بازاردا سودا پۈتۈمى سۇس بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى نېفىت بازىرى ئەيسانىڭ ئازاب چەككەن كۈنى سەۋەبىدىن بازار پۈتۈن كۈن دەم ئالدى، شۇ كۈنى ئامېرىكا تۆتىنچى پەسىللىك GDP قىممىتى ئېشىپ، ئېھتىياج ئەھۋالىغا بەلگىلىك تىرەشلىك ئېلىپ كەلدى.
دۈشەنبە ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.76 ئۆسۈپ، 39.76 دوللار/باك بولدى، ئالدىنقى ھەپتە مەزكۇر توختام ئۇدا ئالتىنچى ھەپتە يۇقىرى باھادا بازار يېپىلغان؛ برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.72 ئۆسۈپ، 40.73 دوللار/باك بولدى. 1- ئايدىكى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەندىن بۇيان نېفىت باھاسى تەخمىنەن %50 ئەتراپىدا يۇقىرى ئۆرلىگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى (DOC) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تۆتىنچى پەسىللىك GDP ئاخىرقى قىممىتى يىللىق نىسبىتى %1.4 ئاشقان، مۆلچەردە بولسا %1 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، تۈزەتمە قىممەت ئېشىش %1 بولۇپ، ئۈچىنچى پەسىللىك ئېشىش %2 بولغان.
ئامېرىكا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە بېنزىن ئېھتىياجىنىڭ كۈچىيىشى، نېفىت بازىرىغا نىسبەتەن ياردىمى بولغان، لېكىن ئاساسلىقى يەنىلا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىپ 1- ئايدىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقتىن بولغان.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5232 يۈەن؛
ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ كىرىپ ئىلكان تورنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى