3-ئاينىڭ 28-كۈنى )دۈشەنبە( ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 1208.10 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى، ھەم بىر ئايدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈردى. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئەيسانى خاتىرىلەش بايرىمى كۈنى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە بازارلىرى دەم ئالغاچقا، ئالتۇن باھاسى تەكشى ھالىتىنى ساقلىدى، لېكىن جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا 4-پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى ياخشىلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن سىرت، جۈمە كۈنى ئالتۇن ETF-SPDR Gold Trust زاپىسى 823.74 توننا بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈندىكى ئالتۇن ETF-SPDR Gold Trust زاپىسى بىلەن تەڭلەشتى. بۇ ھەپتە يېلېن قاتارلىق ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرى نۇتۇق ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا 3-ئايلىق غەيرى- يېزا ئىگلىك دوكلاتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ.
بۈگۈن ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا، ئېلان قىلىنىدىغان مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار يوق؛
ياۋروپا بازىرى ۋاقتىدا، گېرمانىيىنىڭ ئىستىمال ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ناچار چىقسا، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ كەڭ پۇل سىياسەت ئېھتىماللىقى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى يەنە بىر پارچە ئىقتىساد دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ.
ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا، ئامېرىكا 2-ئايلىق شەخسىي چىقىم ئايلىق نىسبىتى ۋە ئامېرىكا 2-ئايلىق يادرو PCE مال باھا كۆرسەتكۈچى ئايلىق نىسبىتى قاتارلىق بىر قاتار ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنىدۇ؛ ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۈگۈن ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىر قەدەر چەكلىك بولدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5232 يۈەن؛
ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ كىرىپ ئىلكان تورنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى