مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر
  • مەركىزىي بانكا نېمە ئۈچۈن 100 يۈەندىن يۇقىرى سوممىدىكى قەغەز پۇل تارقاتمايدۇ؟
  • فىرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىككىنچى پەسىلدىكى ئېشىش نىسبىتى نۆل
  • 13 يېشىدا 500 دوللار بىلەن ئىش باشلاپ، مۈلكىنى مىلياردقا يەتكۈزگەن ھىندىستانلىق ياش
  • ئادەم قانچە پۇلدار بولسا تورغا چىقىش ۋاقتى شۇنچە ئاز بولىدىكەن
  • 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ئالتۇن باھاسى
  • 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى بېنزىن ۋە دىزېل باھاسى
  • فىنلاندىيە ھەر بىر پۇقراغا ھەر ئايدا 4200 يۈەندىن مائاش تارقاتماقچى
  • فوربېس ئاسىيادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە 50 كارخانىنى باھالاپ چىقتى
  • ئۈرۈمچىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت خادىملىرى جامائەت فوندى دائىرىسى سىناق نۇقتىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ
  • موڭغۇلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، پۇلى تېز سۈرئەتتە پاخاللىشىپ كەتتى
  • ئەرەب دۇنياسىنىڭ يېقىلغۇ تولۇقلىما سىستېمىسى تەلتۆكۈس يىمىرىلدى
  • جۇڭگو 100 مىليارد دوللار بىلەن يەر شارىنىڭ ئۆزەك پلاستىنكا ساھەسىدىكى ھۆكۈمرانىغا ئايلىنالامدۇ؟
  • ياپونىيە تۇنجى «دەرىجىدىن تاشقىرى ياشانغانلار دۆلىتى» بولۇپ قالىدۇ
  • ھازىرقى قىزلار قايسى كەسىپلەردە ئاسان ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ؟
  • بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسى 1200 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن

    مەنبە :ئىلكان تورى       يوللىغۇچى : ئىلكان       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-29

    بۈگۈن ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، ئالتۇن باھاسى 5 دوللارغا يېقىن تۆۋەنلەپ 1208.5 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئاساسلىقى يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارنىڭ بايانى تۈرتكىسىدە دوللار ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا 4-پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقىپ، ئامېرىكا  ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى ياخشىلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. 

    بۇ ھەپتە ئامېرىكا 3-ئايلىق غەيرى- يېزا ئىگلىك قاتارلىق بىر قاتار ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسى يېلېن قاتارلىق ئەمەلدارلار نۇتۇق ئېلان قىلىدۇ؛ تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسى 1200 دوللاردىكى ئۆتكەلدە تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

    بۇ ھەپتە بازارنىڭ دىققتىدە بولدىغىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسى يېلېن (Jannet Yellen) قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ نۇتۇق سۆزى ۋە 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا 3-ئايلىق غەيرى- يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى.  گەرچە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بىر قانچە ئەمەلدارلىرى، ئامېرىكنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئۆسۈم قوشۇش قېتىم سانى بازار مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلارغا نىسبەتەن، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازار ئەھۋالىنى تەڭشىشىگە قارىتا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، 3-ئايلىق غەيرى- يېزا ئىگلىك دوكلاتى مۇقەررەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 4-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ھەرىكتى قوللىنىش- قوللانماسلىقىدىكى مۇھىم پايدىلىنىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچكە ئايلىنىدۇ.




    ئەسكەرتىش:

    ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛

    بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5232 يۈەن؛

    ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛

    ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014

     

    ئەسلى مەنبەنى چېكىپ كىرىپ ئىلكان تورنى زىيارەت قىلىڭ.

    ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز