بۇ ھەپتە 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى 3-ئايلىق غەيرى- يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ؛ ئالدىنقى ھەپتە برادلېي (James Bullard) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (FED) نىڭ بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 4-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقنى كۈچەيتىۋەتتى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە دوللار كۆرسەتكۈچى ئۇدا يۇقىرى ئۆرلەپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى يۇقىرى ئۆرلەپ كەتتى.
سان لۇئىس فېدېراتسىيە رەئىسى برادلېي (James Bullard) مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئارىلىقى يىقىنلاپ قالدى، ئۇ يەنە نيۇيوركتىكى بىر قېتىملىق نۇتىقىدا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى، " گەرچە 3 - ئايلىق ماكرولۇق سانلىق مەلۇماتى بىر قىسىم كىچىك ئىشلارنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئارتۇقچىلىقىنى ياپالمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادىي ئەھۋالى مۆلچەردىكىدەك ياخشى ھالەتتە بولۇپ، بۇ كېيىنكى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش ئارىلىقىنىڭ ئۇزۇنغا قالمىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ."
ئالدىنقى ھەپتە كۆپ بىر قانچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ 4 - ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش بايانىنى ئاشكارا مۇراجىئەت قىلىشىغا نىسبەتەن، پېڭبو خەۋرىدە مۇنداق دېدى، ئۇلار بىر مۇھىم پاكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولىشى مۇمكىن: ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئەڭ مۇھىم پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ ھاللاردا غەيرى- يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتنىڭ 3 - ئايدىكى ئىپادىسى ياخشى ئەمەس.
گەرچە تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، 3 - ئايلىق ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى ھەمىشە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن، يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار غەيرى-يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنىڭ مۆلچەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەكلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5232 يۈەن؛
ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ كىرىپ ئىلكان تورنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى