: 26-مارت «بالامنىڭ ساقىيىشىغا ئىنتىزارمەن» دېگەن نامدىكى مىكرو بلوگ ئىگىسى ئارتىس لى شياۋلۇدىن ياردەم سوراپ، بالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئارقىدىن لى شياۋلۇ مىكرو بلوگنى كۆچۈرۈپ تارقاتتى ھەمدە ئۇنىڭغا پۇل ئىئانە قىلدى، كىم بىلسۇن، بۇ مىكرو بلوگ «ساختا» بولۇپ، ھەقىقىي كېسەل بالىنىڭ ئانىسى مياۋ خانىمنىڭ مىكرو بلوگىدىكى مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغان ئىدى.
شياۋلىن بۇلتۇر ئىيۇلدىن باشلاپ كېسەل بولۇپ، باشتا قىززىپ قىزىتمىسى يانمىغان، كېيىن قورسىقى كۆپۈشكە باشلىغان. ئۆيىدىكىلەر بالا ئادەتتىكى كېسەل بولۇپ قالدى دەپ قاراپ ئانچە ئېتىبار قىلمىغان. دېياڭدىكى دوختۇرخانىلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر مەزگىل داۋالانغان بولسىمۇ ياخشىلانماي، بالا داۋاملىق ھۇشىدىن كېتىپ، ئەڭ ئورۇقلاپ كەتكەن ۋاقتىدا ئېغىرلىقى ئاران 10 كىلوگرام ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان، ئارقىدىن بالىغا نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان.
بالىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئەسلىدە گۇاڭدۇڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان مياۋ خانىم دەرھال سىچۈەنگە قايتىپ بالىسىغا قارىدى، روھىي جەھەتتە ئازابلىنىش بىلەن بىرگە ئىقتىسادىي بېسىممۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. مياۋ خانىم مۇنداق دېدى: «خۇاشى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم خىمىيەلىك داۋالاش قىلدۇردۇق. بالىنىڭ سەل ياخشى بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆيگە قايتىپ كەتتۇق. ئۆيگە قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي شياۋلىننىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ كەتتى. بىزنىڭ راستىنلا پۇلىمىز قالمىدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك خەجلىدۇق، قەرز ئالغىلى بولىدىغانلىكى ئۇرۇق-تۇققان دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن قەرز ئېلىپ بولدۇق. بىز راستىنلا ئۈمىدىمىزنى ئۈزدۇق.»
2016-يىلى 5-يانۋار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى مياۋ خانىم ئەڭ ئاخىرقى ئازغىنە ئۈمىد بىلەن، مىكرو بلوگىدا بالىسىنىڭ رەسىمى ۋە كېسەللىك ئەھۋالى ئۇچۇرىنى تارقىتىپ مۇنداق دېدى: «ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالامنىڭ ئەجەل بىلەن ئېلىشىۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى، يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ ئىككى ياشقا كىرىدۇ. گەرچە بۇ يول تولىمۇ مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، ھېچ بولمىغان ئۇ ھېلىھەم يېنىمدا، بىزگە ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت. بالامغا نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە. تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ئۇنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ ئارتۇق ياشىشىنى ئۈمىد قىلمەن.» رەسىدە: مياۋ خانىم مىكرو بىلوگدا ئېلان قىلغان رەسىم.
بۇ يىل يانۋاردىن مارتقىچە مياۋ خانىم ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 27 قېتىم مىكرو بلوگ تارقاتتى. جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە بالىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى خاتىرلەپ ماڭدى، بىر ئانىنىڭ ئازابى بۇ يازمىلاردىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. 13-مارت ئۇ «ئەگەر سەندىكى ئۆسمىنى ماڭا بەرگىلى بولسا» دېگەن تېمىدىكى مىكرو بلوگىدا مۇنداق دەپ يازدى: «ئىككى ياش ئىككى ئايلىق بولدى، سەككىز ئايدىن كۆپرەك داۋالاندى، دوختۇرخانىدىكى ئىشلارغىمۇ كۆنۈپ قالدى، ھەتتا بىر قىسىم تەكشۈرۈشلەر ئادەتكە ئايلاندى. ھازىر ئۇ ئىش ئۇققىدەك بولۇپ قالدى، ئەكىسچە بارغانسېرى مېنىڭ يۈرىكىم ئېچىشىۋاتىدۇ. كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى رەسىمىنى كۆرۈشكىمۇ جۈرئىتىم قالمىدى. ھەر قېتىم كۆرسەم يىغلاپ كېتىمەن.»
مياۋ خانىم مىكرو بلوگىدا بالىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلەپ ماڭدى. مۇخبىر مياۋ خانىم ئېلان قىلغان مىكرو بلوگدا، ئەزەلدىن چىقىمدان ياكى بانكا ھېساباتىنى چىقارمىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. مياۋ خانىم مۇنداق دېدى: «مەن بۇلارنى چۈشەنمەيمەن، ئەزەلدىن بىۋاستە ئىئانە ئالمىدىم. نۇرغۇن كىشىلەر مىكرو بلوگقا كىرىپ بالىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى سورىدى، لېكىن بىز ئەزەلدىن بىر قېتىممۇ ئىئانە پۇل ئېلىپ باقمىدۇق.»
بالىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن مياۋ خانىم، مىكرو بلوگنى بارغانسېرى ئاز يېڭىلايدىغان بولۇپ قالدى. 23- مارت ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: «يېقىندىن بۇيان بالىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا بۇرۇنقىدەك، ھاجىتى يوق.» ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگ نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن لى خانىمنىڭ باش سۈرىتى ۋە بالىسىنىڭ رەسىمى ئوغرىلىنىپ، بىر «ئالدامچى كاززاپ» پەيدا بولدى.
26-مارت چۈشتىن كېيىن، دوختۇرخانىدا بالىسىغا قاراۋاتقان مياۋ خانىم دوستىنىڭ ئۈندىداردا ئەۋەتكەن مۇنداق ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدى: «مەن ئارتىس لى شياۋلۇ كۆچۈرۈپ تارقاتقان ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى كۆردۈم، بلوگدىكى رەسىم ۋە مەزمۇلاردا كۆرسىتىلگىنى دەل سېنىڭ بالاڭ، لېكىن قالدۇرغان ھېسابات نومۇرى ۋە چىقىمداندىكى ئىسىم سېنىڭ ئەمەسكەن، بۇ نېمە ئىش؟» مياۋ خانىمنىڭ مىكرو بلوگىدىن پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان بۇ مۇراجىئەت ئۇچۇرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارتىس لى شياۋلۇ 26-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە يېرىمدا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «پۇلنى چىقىمدانىڭىزغا ئۇرىۋەتتىم، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە ياردەم قىلىپ، بالىنىڭ تېزرەك ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» مۇخبىر لى شياۋلۇنىڭ بىرقانچە پارچە ئىئانىگە ئالاقىدار مىكرو بلوگىنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭمۇ پۇلنى ئالدامچىنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بايقىدى.
ئىئانە ئالدامچىلىقى ۋەقەسى خۇاشى شەھەر گېزىتىدە خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن جەمئىي 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئىئانە يىغىلدى، ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتىمۇ بالىنى 20 مىڭ يۈەن ئىئانە پۇل بىلەن تەمىنلىدى. شۇ كۈنى شاڭخەيدە خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولىۋاتقان لى شياۋلۇمۇ كېسەل بالىنىڭ ئانىسى مياۋ خانىمغا تېلېفون قىلىپ، بالىنىڭ ئەھۋالىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقى ھەمدە داۋاملىق ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئالدامچى يىرگىنىچلىك بولسىمۇ بالا گۇناھسىز، مەن ئاخىرغىچە ياخشىلىق قىلىمەن» دېدى. نۆۋەتتە چىقىمداننىڭ ئىئانە ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق ھېسابات نومۇرىغا چەكلەش تەدبىرى قوللىنىلدى، چېڭدۇ ساقچىلىرىمۇ تەكشۈرۈشكە كىرىشتى. ئىئانە ئالدامچىلىق ئويۇنى ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەنلا، ئاخىرقى ھېساپتا «ئاپەتتىن ئامەت كەلگەن»دەك بۇ خانىۋەيران بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان ئائىلىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
27-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 5 دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە، كېسەل بالا شياۋلىننىڭ ئانىسى دوختۇرخانىدا لى شياۋلۇدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرىلىۋالدى، لى شياۋلۇ بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يېقىنقى ئەھۋالىنى سوراپ مۇنداق دېدى: «گەرچە مەن ئالدانغان، ئوڭايسىزلانغان بولساممۇ، لېكىن يەنىلا سىلەرگە ياردەم قىلالىدىم، مەنمۇ بۇنىڭدىن خۇشال. بۇ ئىشقا داۋاملىق دىققەت قىلىمەن، قانداق ياردەم قىلىدىغانلىقىمنى كۆرىسىلەر.»
26-مارت كەچتە، خۇاشى شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مياۋ خانىمنى زىيارەت قىلدى. ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئىشقا يوللۇققانلىقىغا قارىتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقى ۋە قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. مياۋ خانىم مۇنداق دېدى: «پۇل ئىككىنچى مەسىلە، مېنىڭ ئەڭ قوبۇل قىلالمىغىنىم شۇكى، بىز يەتكۈچە ئازابلانغان، بالا شۇ قەدەر بىچارە ھالەتتە تۇرساق، نېمىشقا بىزنىڭ ئازابىمىز ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىدۇ؟ مىكرو بلوگىمدا چىقارغان مۇراجىئەت بالامنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىدى، لېكىن ئۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇل ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىپتۇ.» نۆۋەتتە مياۋ خانىم چېڭدۇ ۋوگزالى ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان.