سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2016-يىلى 28-مارت ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:30 دا، 2015-2016-پەسىللىك NBA بىرلەشمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۆل ئادىمى كوماندىسى ئۆز مەيداندا تالانتلىقلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە جەريانىدا كۆل ئادىمى داڭلىق چولپان كوبىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن بولسىمۇ، تالانتلىقلار كوماندىسى ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، مېھمان مەيداندا 101-88 نەتىجە بىلەن غەلىبىگە ئېرىشتى. كۆل ئادىمى كوماندىسى بولسا ئۇدا 3 مەيدان مەغلۇپ بولدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن: كوبى 17 نومۇر، 1 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 ياردەم توپ بەردى. كىلاركسون 2 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 ياردەم توپ بەردى. راندېل 14 نومۇر، 7 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 ياردەم توپ بەردى. رۇسسېل 19 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 ياردەم توپ بەردى. نانسې 9 نومۇر، 7 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 ياردەم توپ بەردى. خۇرتاس 9 نومۇر ئالدى، 3 ياردەم توپ بەردى. ۋېليامىس 11 نومۇر، 1 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
تالانتلىقلار كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن:
جون ۋال 22 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 13 ياردەم توپ بەردى. سېسسىونس 11 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 ياردەم توپ بەردى. خىلارىو 10 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 ياردەم توپ بەردى. خىكسون 14 نومۇر، 1 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 ياردەم توپ بەردى. گورتات 16 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
پورتېر 14 نومۇر، 6 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.