رىم پاپاسى تېررورلۇقنى ئەيىبلىدى
«يەر شارى تورى خەۋىرى» : فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى»نىڭ 27- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاكىتاننىڭ شۇ يەر ۋاقتى 27-مارت، رىم پاپاسى فىرانسىسكان تىرىلىش بايرىمىنىڭ مىسساسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تېررورلۇقنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 27-مارت، رىم پاپاسى فىرانسىسكان تىرىلىش بايرىمىدا تەبرىك سۆزى قىلغان ۋاقىتتا، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مۇساپىرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلغان. فىرانسىسكان تەرەققىي تاپقان ئەللەرنى بولۇپمۇ ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى چېگرانى تاقىۋالماسلىققا يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتىن، ئاچارچىلىقتىن، نامراتلىقتىن ۋە ناھەقچىلىكتىن قېچىۋاتقان مۇساپىرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، دېگەن. ئۇ يەنە:«بۇ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار دائىم دېگۈدەك يېرىم يولدا ئۆلۈپ كېتىۋاتماقتا ياكى ياردەم ۋە پاناھلىققا ئېلىنىشتا رەت قىلىنماقتا» دېگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا فىرانسىسكان يەنە سۈرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، تەڭرىدىن تىنچلىق مېۋىسىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئىراق، يەمەن، لىۋىيە، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋە بېلگىيەدىكى توقۇنۇشلار ئۈچۈن تىلەك تىلىگەن ھەمدە تېررورلۇقنى ۋە قارىغۇلارچە قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىگەن.