toutiao خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
شىنجاڭ كوماندىسى ئەزەلدىن يۆتكىلىش بازىرىدا ئەركىن توپچىلارنى يۇقىرى باھادا يۆتكەپ كېلىشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى 2015-2016-مۇسابىقە پەسلىدە بىرلەشمىنىڭ ئۇزغۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەندىن كېيىن، كۇلۇب ئىچكى قىسىمدا خۇلاسىلەش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا مەشقاۋۇل لى چۇپىڭ بىر قىسىم غوللۇق ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىش ھەرىكىتى ۋە ئىپادىسىدىن رازى بولمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر يەنىلا دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىقتىدارلىق، غوللۇق ماھىرلارنى يۆتكەپ كېلىشنى تەشەببۇس قىلغان.
ھازىر شىنجاڭ كوماندىسى يۆتكەپ كېلىش نىشانىنى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى يى جيەنليەنگە قاراتقان، كۇلۇب ئىچكى قىسمىدىكىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۇلۇب مەسئۇللىرى جەلىپ قىلىش كۈچى ناھايىتى يۇقىرى بولغان توختامدىن بىرنى تەييارلاپ يى جيەنليەننىڭ ۋاسىتىچىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن. توختام مەزمۇنىدىن قارىغاندا، يى جيەنليەنگە 20 مىليون يۈەن يىللىق مائاش، ئۈرۈمچىدىن بىر يۈرۈش داچا، پۈتۈن مېھمان مەيدان مۇسابىقىلەردە 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن ياتاق تەمىنلىندىكەن.
بۇنداق ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى مائاش يى جيەنليەننى مايىل قىلالامدۇ؟ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس، چۈنكى يى جيەنليەن گۇاڭدۇڭلۇق بولغاچقا، ئۇنىڭ سودىدىكى نۇرغۇن ھەمكارلاشقۇچىلىرىمۇ گۇاڭدۇڭدا، ئۆزىنىڭ جەمەت ئىگىلىكىمۇ گۇاڭدۇڭدا تەرەققىي قىلىشقا موھتاج. ئەگەر يى جيەنليەن شىنجاڭ كوماندىسىغا قوشۇلۇپ قالسا، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىدۇ دېگەن گەپ. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ سودىدىكى قىممىتى ۋە كىرىمى ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قالالامدۇ، بۇمۇ بىر مۇھىم مەسىلە.
لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىغا پايدىلىق بولغىنى شۇكى، ھازىر گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. چۈنكى گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىرقانچە قېتىم بىرلەشمىنىڭ ئۇزغۇنى بولالماي، بىر قىسىم سودا شېرىكلىرى، قوللىغۇچىلىرى ۋە ئىقتىسادى ياردەمچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ ھالەت كوماندىنىڭ ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.
2015-2016-مۇسابىقە پەسلىدە كوماندا نۇرغۇن غوللۇق ماھىرلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىش، چەتئەللىك ماھىرلارنىڭ سانىغا چەك قويۇش تەدبىرىنى قوللاندى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يى جيەنليەن مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، گۇاڭدۇڭ كۇلۇبى ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن.