جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-مارت خەۋىرى، ؛
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ شۇ جاي ۋاقتى 27-مارت ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ساياھەتچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ياۋروپا ئەڭ بىخەتەر جاي ئەمەس، ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۆز دۆلىتىدىمۇ بىخەتەر ئەمەس دېگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ترامپ شۇ كۈنى ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆتكەن ھەپتە تېررورچى ئۇنسۇرلار بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلار ياۋروپاغا بېرىپ ساياھەت قىلسا بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا سورالغاندا، ترامپ مۇنداق دېگەن: مەن ياۋروپانى بىخەتەر جاي دەپ قارىمايمەن، مېنىڭ قارشىمچە ياۋروپادا نۇرغۇن ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغان.
ئۇ يەنە ئارقىدىن ئۇلاپلا مۇنداق دېگەن: ئەگەر سىز ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا مەن سىزگە دەپ بېرەي! ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئامېرىكىمۇ ئەڭ بىخەتەر جاي ئەمەس. بىز نەچچە مىڭلىغان مۇساپىرلارنىڭ بۇ جايغا كېلىشىگە يول قويدۇق، ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدۇ، ئۇلار توپ-توپ بولۇشۇپ بۇ يەرگە كەلدى، دېمەك مەسىلە پەيدا بولدى دېگەن گەپ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ترامپ يەنە ئوبامانىڭ 250 مىڭ سۈرىيە مۇساپىرىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى ئاران 10 مىڭ مۇساپىرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە يول قويغان.