سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىس:
2016-يىلى 28-مارت ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:00 دە، 2015-2016-پەسىللىك NBA بىرلەشمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شاھ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا موزاي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئىككى تەرەپ كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، شاھ كوماندىسى111-133 نومۇر بىلەن غەلىبە قىلىپ، موزاي كوماندىسىنى ئۇدا 3 مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شاھ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن:
كوسىنس 20 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 ياردەم توپ بەردى. كۇرى 14 نومۇر، 1 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 ياردەم توپ بەردى. روندو 11 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 11 ياردەم توپ بەردى. ستېئىن 21 نومۇر، 7 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 ياردەم توپ بەردى. كوللىسون 17 نومۇر، 2 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 ياردەم توپ بەردى. مسلېمورې 14 نومۇر، 1 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 ياردەم توپ بەردى. كاسپى 10 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 ياردەم توپ بەردى. كوفوس 10 نومۇر، 6 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
موزاي كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن:
ئاندېرسون 11 نومۇر، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 ياردەم توپ بەردى. دىرك نوۋىسكى 14 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. داۋىد لې 12 نومۇر ئېلىپ، 6 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 ياردەم توپ بەردى. جوس بارې 14 نومۇر ئېلىپ، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 ياردەم توپ بەردى. ماتېۋىس 12 نومۇر ئېلىپ، 3 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 ياردەم توپ بەردى. پوۋېل 11 نومۇر، 6 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 ياردەم توپ بەردى. فېلتون 15 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 ياردەم توپ بەردى.