ترامپ: ياپونىيە بىلەن كورىيە يادرو قورالى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننى چەكلىشى كېرەك
«يەر شارى تورى خەۋىرى» : ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ «كىشىنى چۆچۈتىدىغان سۆزلىرى» توختاپ قالغىنى يوق. ئۇ 26- مارت «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«مۇبادا مەن زۇڭتۇڭ بولۇپ قالسام، كورىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا قارشى تۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ يادرو قورالى تەرەققىي قىلسا چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونى چەكلىگىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ يۈكىمۇ زور دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ، ئەگەر بۇ ئىككى دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىگە تۆھپە قوشمايدىكەن، ئۇنداقتا مەن شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قايتۇرۇپ كېتىشىم مۇمكىن»دېگەن.
ترامپ مەخسۇس زىيارەتتە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى «ئامېرىكا ئەۋزەللىكى» دېگەن ھەمدە بۇ شۇئار ئىلگىرى ئامېرىكا تەنھاچىلىق پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى بولغان،دەپ پو ئاتقان. بىراق ترامپ:«مەن تەنھاچىلاردىن ئەمەس، ئەمما مەن <ئامېرىكا ئەۋزەللىكى،نىڭ قوغدىغۇچىسى، ئامېرىكا بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ، بىراق ھەر قانداق ئادەم تەرىپىدىن مۇتلەپ پايدىلىنىلمايدۇ، مەيلى قۇدرەتلىك ئىتتىپاقداش بولسۇن ۋەياكى بىزنى <قاقتى -سوقتى>قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش» دېگەن.
ترامپ يەنە:«مەن زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يول قويىمەن، ئۇلارنى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەنگە قارشى تۇرالايدىغان ھەربىي كۈچكە ئىگە قىلىمەن، ئۇلار يەنە ئامېرىكىنىڭ قوغدىشىغا تايانسا بولمايدۇ، <ئامېرىكا ھە دېسىلا دۇنيا ساقچىسى بولماسلىقى كېرەك>، مۇبادا ئاسىيادىكى باي ئىككى دۆلەت (ياپونىيە بىلەن كورىيە) ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ئامېرىكىغا تۆھپە قوشمايدىكەن،ئۇنداقتا مەن شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەرنى قايتۇرۇپ كېتىشنى ئويلىشىشىم مۇمكىن»دېگەن. مۇبادا ترامپ راستتىنلا ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى چىڭ تۇرۇۋاتقان دىپلوماتىيە سىياسىتى «ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كاپالىتى شەرتنامىسى» ۋە «ئامېرىكا - كورىيە ئورتاق مۇداپىيەلىنىش شەرتنامىسى»دە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىنكەن.