جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىق مۇنبىرى نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتىدۇ، بۇ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىنكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق مۇنبەر، شۇنداقلا يەنە بىر مۇھىم يىغىن. 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىياۋ شۈ مۇنبەر نەق مەيدانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرى كارخانا قۇرۇشقا كېرەكلىك بارلىق تەلەپ، كىنىشكىلەرنى ھازىرلىغاندىن كېيىن، ئاندىن تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىشكە بولاتتى. ئەمما ھازىر «ئاۋۋال تىجارەت كىنىشكىسى، ئاندىن باشقا كىنىشكىلەر»گە ئۆزگەردى، يەنى سىز ئاۋۋال تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىپ، ئاندىن باشقا تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ.
مىياۋ شۈ «بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاممىنى ئىگىلىك تىكلەشكە، تۈمەن ئاممىنى يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى، بۇ ھازىر كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى» دېدى. بۇ ئىلھاملاندۇرۇش تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ:
بىرىنچى، سودا ئىشلىرى تۈزۈم ئىسلاھاتى يۈرگۈزۈلدى. ئىلگىرى بىر ئادەم تىزىملىتىپ كارخانا قۇرۇپ، تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرمەكچى بولسا، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى، نۇرغۇن تەستىقلاش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، بۇ ئىلگىرى ئاۋۋال كىنىشكا ئاندىن تىجارەت كىنىشكىسى دەپ ئاتىلاتتى، يەنى كارخانا قۇرۇشقا كېرەكلىك بارلىق تەلەپ ۋە كىنىشكىلەرنى تەييار قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىشكە بولاتتى.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ئۆزگىرىش بولدى، يەنى «ئاۋۋال تىجارەت كىنىشكىسى ئاندىن باشقا كىنىشكا»گە ئۆزگەردى، ھازىر ئاۋۋال تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىپ، ئاندىن تۈرلۈك باشقا رەسمىيەتلەرنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ. بۇ تۈرلۈك ئىسلاھات ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھازىرغا قەدەر، ھەركۈنى جۇڭگودا 30 مىڭ يېڭى كارخانا مەيدانغا كەلدى، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى كىچىك مىكرو كارخانىلار، ئەمما بۇ يېڭى كارخانىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە خېلى زور نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىككىنچى، بارلىق كارخانىلارنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاپ ۋە ئىلھام بېرىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش نىسبىتى ئاشۇرۇلدى. ئۆتكەن يىلى كارخانا پايدىسى ئومۇميۈزلۈك ياخشى بولماسلىقتەك ئەھۋال ئاستىدا، كۆپ قىسىم كارخانىلار پەن-تەتقىقاتقا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتقا ئىگە قىلدى.
ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆزئىچىگە ئالغان تېخىمۇ ياخشى مۇھىتنى يارىتىش ئارقىلىق، ساختىلىققا زەربە بېرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى، جۇڭگو بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، يەنە نۇرغۇنلىغان ياخشىلاشقا تېگىشلىك تەرەپلەر بار، ئەمما ئارقىمىزغا ئۆرۈلۈپ ئۆتكەن بەش يىل، ئۆتكەن ئون يىلغا قارايدىغان بولساق، ھازىر بۇ ئەھۋال زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.
تۆتىنچى، يېڭى قۇرۇلغان، مىكرو كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ يۆلەش ۋە قوللاشلاردىن بەھرىمان بولىدۇ. تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش جەھەتتە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارمۇ بەلگىلىك دەرىجىدىكى باج كېمەيتىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. ھازىر باج جەھەتتە بىر ئېتىبار سىياسەت بار، يەنى تىجارەت سوممىسى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتمىسە، پايدا نىسبىتىمۇ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتمىسە، قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە تىجارەت بېجى جەھەتتە باج كېمەيتىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
بۇ بىر قاتار ئىلھاملاندۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر جەمئىيەتتە بىر خىل قىزغىنلىق مەيدانغا كەلدى، ئىلگىرى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر مۇقىم خىزمەتكە ئىگە بولۇشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلغان، ھازىر بولسا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆزگىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ كۈرەشچانلىقى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىمەكتە، شۇڭا بۇ جەھەتتە خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى دېيشىكە بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە ھۆكۈمەت مەمۇرىي تەرتىپنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى قويۇۋېتىش جەھەتتىكى ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىرىدىغان ئىشىكلەرنى ئازايتىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ بازار سۇبيېكىتلىرىغا ھاياتىي كۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ھەركۈندىكى 30 مىڭ كارخانىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈرۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەمما بۇلارنىڭ ئارىسىدىن تەدرىجىي ھالدا كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ تەرەققىي قىلغان چوڭ كارخانىلار مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن.
دۆلەت بەش چوڭ پاراۋانلىق ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىشىڭىزنى قوللايدۇ!
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىق مۇنبىرىدە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى نەق مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
نەق مەيداندا كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىپ ئاممىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئال سورالغان ۋاقىتتا، شۈش شاۋشى ئالدى بىلەن بۇ ئىككى يىلدا ھۆكۈمەت «قوش ئىگىلىك تىكلەش»نى قوللاش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى. شۈ شىياۋشى مۇنداق دېدى:«ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىىشنى قوللاش ئۈچۈن، يەنە ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ئامما پىلانلاش، ئامما ھۆددىگە ئېلىش، ئامما يۆلەشتەك ‹تۆت ئامما› سۇپىسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش سىياسىتى مەندانغا كەلدى، بۇنى مۇشۇ ئىككى يىلدا قولغا كەلگەن نەتىجە دېيىشكە بولىدۇ. يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان بازار سۇبيېكىتلىرى 4 مىليون 400 مىڭغا يېتىپ، %12 تىن كۆپرەك ئاشتى. تېخنىكا سودىسىنىڭ قىممىتى ئۆتكەن يىلى 998 مىليارد يۈەنگە يەتتى، ئېشىش كۆرسەتكۈچى ناھايىتى چوڭ بولدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەتلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى %10.7 ئېشىپ، پايدا سەۋىيەسى پۈتكۈل سانائەت كەسپىدىن %12.7 يۇقىرى بولدى».
بۇنىڭدىن كېيىن يەنە «ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىشى»غا ئىلھام بېرىلىدىغان قانداق سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دېگەن سوئالغا شۈ شىياشى «ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش سىياسىتى بار» دېدى:
بىرىنچى، ھۆكۈمەت مەمۇرىي ئىش تەرتىپىنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى قويۇۋېتىپ، تەستىقلاش، بازارنى ئېچىۋېتىش ھالقىلىرىنى يەنىمۇ ئىخچاملايدۇ.
ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىشتىكى بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى قۇرىدۇ، مەسىلەن: ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات رايونى، يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىقلار.
ئۈچىنچى، بىر تۈركۈم ئىنتېرنېت تورى ئاممىۋى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، كۆپچىلىكنى بۇ سۇپىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
تۆتىنچى، پۇل-مۇئامىلە جەھەتتىكى قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەرىشتە مەبلىغى، ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى، سانائەت مەبلىغى ۋە كارخانا زايومى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشنى قوللايدۇ.
بەشىنچى، توسالغۇلارنى يەنىمۇ ئازايتىپ، كارخانىچىلار، تېخنىكلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، چەت ئەلدىن ۋەتەنگە قايتقانلار شۇنداقلا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللايدۇ.