ۋاڭيى تورى خەۋىرى، :
ياپونىيە كانون شىركىتى ۋە توشىبا شىركىتى بۈگۈن كانوننىڭ 665.5 مىليارد يېن (تەخمىنەن 5.9 مىليارد دوللار) غا توشىبا قارىمىقىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تارماق شىركىتىنىڭ بارلىق پېيىنى سېتىۋېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كانون ئالدىنقى ھەپتە توشىبا قارىمىقىدىكى توشىبا داۋالاش سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش مۇستەقىل سۆھبەت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
توشىبا ناۋادا سودا دەل ۋاقتىدا تاماملانسا، نۆۋەتتىكى مالىيە يىلىدا تەخمىنەن 590 مىليارد يېن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى.
ئىلگىرى بەزى خەۋەردە خېرىدار بولۇشقا قاتناشقان ئۈچ شىركەت بار، ئۇ كانون، Fujifilm، كونىكا (Konica Minolta) ۋە ئەنگىلىيە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، Fujifilm كانوننىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى دەپ قارالدى، دېيىلگەن.
توشىبا داۋالاش سىستېمىسى شىركىتى ئاساسلىقى يادرو ماگنېتلىق رېزونانىسدا تەسۋىر ھاسىل قىلغۇچ، X نۇرى تەكشۈرگۈچ قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساپ ساتىدۇ. توشىبا داۋالاش سىستېمىسى توشىبانىڭ تارماق شىركىتىدىكى «ئەلاچى». 2015-يىلى باشقا كەسىپنىڭ ھەممىسى زىيان تارتقان ئەھۋالدا، توشىبا داۋالاش سىستېمىسىنى يادرو قىلغان ساغلاملىق كەسپى پايدىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. شۇ سەۋەبتىن، توشىبا تەرەپ قىسقا مەزگىل ئىچىدە توشىبا داۋالاش سىستېمىسىنى سېتىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى مالىيە يوچۇقىنى تولدۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان.