مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • فىرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىككىنچى پەسىلدىكى ئېشىش نىسبىتى نۆل
  • 13 يېشىدا 500 دوللار بىلەن ئىش باشلاپ، مۈلكىنى مىلياردقا يەتكۈزگەن ھىندىستانلىق ياش
  • ئادەم قانچە پۇلدار بولسا تورغا چىقىش ۋاقتى شۇنچە ئاز بولىدىكەن
  • 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ئالتۇن باھاسى
  • 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى بېنزىن ۋە دىزېل باھاسى
  • فىنلاندىيە ھەر بىر پۇقراغا ھەر ئايدا 4200 يۈەندىن مائاش تارقاتماقچى
  • فوربېس ئاسىيادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە 50 كارخانىنى باھالاپ چىقتى
  • ئۈرۈمچىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت خادىملىرى جامائەت فوندى دائىرىسى سىناق نۇقتىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ
  • موڭغۇلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، پۇلى تېز سۈرئەتتە پاخاللىشىپ كەتتى
  • ئەرەب دۇنياسىنىڭ يېقىلغۇ تولۇقلىما سىستېمىسى تەلتۆكۈس يىمىرىلدى
  • جۇڭگو 100 مىليارد دوللار بىلەن يەر شارىنىڭ ئۆزەك پلاستىنكا ساھەسىدىكى ھۆكۈمرانىغا ئايلىنالامدۇ؟
  • ياپونىيە تۇنجى «دەرىجىدىن تاشقىرى ياشانغانلار دۆلىتى» بولۇپ قالىدۇ
  • ھازىرقى قىزلار قايسى كەسىپلەردە ئاسان ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ؟
  • بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇلار بېنزىن يېقىلغۇلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىت ئاسرامدۇ؟
  • جېكسون خول دۇنيا مەركىزىي بانكىلار يىللىق يىغىنى نېمىشقا مۇھىم؟
  • جۇڭگودىكى ئەڭ باي ئالتە كەنت قايسىلار؟

    مەنبە :toutiao.com       يوللىغۇچى : مۇخپۇل تۇرسۇن       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-15

     

    :

    خۇاشى كەنتى. «جاھاندىكى بىرىنچى كەنت» دېگەن نامى بار، خۇاشى كەنتى جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭيىن شەھىرى خۇاشى بازىرى تەۋە بولۇپ، جياڭيىن شەھىرىنىڭ شەرقى، خۇاشى بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. 2001- يىلىدىن باشلاپ، بۇ كەنت «تاغ، كۆل، تېز سۈرئەتلىك تاشيول، ئاۋىئاتسىيە يولى، تونىل، تىك ئۇچار ئايروپىلان مەيدانى» بار بىر كەنتكە ئايلاندى.

     

    2012- يىلى، خۇاشى كەنتىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 52 مىليارد 450 مىليون يۈەنگە يەتتى، خۇاشى كەنتى قارىمىقىدىكى خۇاشى گۇرۇھى 1996- يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى 1- دەرىجىلىك يېزا- بازار كارخانىسى قىلىپ باھالاندى. 2010- يىلى، خۇاشى كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 85 مىڭ يۈەنگە يەتتى، شۇ مەزگىلدە شاڭخەي شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئارانلا ئاشاتتى. خۇاشى كەنتى يەنە جەنۇبىي جۇڭگودىكى داڭلىق سەھرا سەيلىگاھى بولۇپ، بۇ كەنتتە 80 دىن ئارتۇق مەشھۇر سەيلىگاھ بار، خۇاشى ئالتۇن مۇنارى بۇنىڭ ئىچىدىكى ناماياندا خاراكتېرلىك ئىمارەت بولۇپ، جەمئىي 17 قەۋەت، ئېگىزلىكى 98 مېتىر كېلىدۇ.

     

    نەنلىڭ كەنتى. نەنلىڭ كەنتى شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ رايونى نەنۋەن كوچىسىدىكى بىر مەمۇرىي كەنت بولۇپ، كۆلىمى 4.12 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەرلىك نوپۇسى 800، سىرتتىن كەلگەن نوپۇس 15 مىڭغا يېتىدۇ. نەنلىڭ كەنتى «جۇڭگودىكى بىرىنچى كەنت» دەپ تەرىپلەنگەن.

     

    نەنلىڭ كەنتىنى جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋدىن ئىبارەت ئىككى قارار باش شۇجى زىيارەت قىلغان. 2008- يىلى، نەنلىڭ كەنتىنىڭ ساپ مۈلكى بىر مىليارد 300 مىليون يۈەنگە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 150 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بىر يىلدا دۆلەتكە 180 مىليون يۈەن باج تاپشۇردى.

     

    شىتاڭ كەنتى. شىتاڭ كەنتى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىي كەنت، شىتاڭ كەنتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ بېشىدىلا جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى داڭقى يىراققا تارالغان بىرىنچى 100 مىليون يۈەنلىك كەنت بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 10 باي كەنتنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ، كەنتتە ھەر يىلى ياشانغانلارغا بىر مىليون 300 مىڭ يۈەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىلىدۇ.

     

    2004- يىلى، شىتاڭ كەنتىنىڭ ئومۇمىي سېتىش كىرىمى 737 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دۆلەتكە 35 مىليون 580 مىڭ يۈەن باج تاپشۇردى. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، 2004- يىلىنىڭ ئاخىرى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى سېلىش، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋاكالىتەن سېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن كەنتتە 452 يۈرۈش داچا سېلىنىپ، ئەسلىدىكى كونا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چېقىۋېتىلدى.

     

    خاڭمىن كەنتى. خاڭمىن كەنتى چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىدىكى گەنشەن تېغىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. 2011- يىلى، بۇ كەنتنىڭ سېتىش كىرىمى توققۇز مىليارد يۈەنگە، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي كىرىمى بىر مىليارد يۈەنگە، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 35 مىڭ 600 يۈەنگە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

     

    خاڭمىن كەنتى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ باي كەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2003- يىلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۈتۈن بېشى ساپ مۈلكى ئىككى مىليون يۈەندىن ئاشتى. كىشى بېشى تۇرالغۇ كۆلىمى 80 كۋادرات مېتىرغا يەتتى، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىدە تېخى تىك- تاك توپ سۇپىسىمۇ بار بولۇپ، نۇرغۇن شەھەرلىكلەرمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ئارزۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

     

    تېڭتوۋ كەنتى. تېڭتوۋ كەنتى «ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى»، «ئىسترىئولۇق يېزا ئىگىلىكى»، «سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسمان» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆزگىچى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت رايونى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىچى- سىرتىدا داڭقى بار.

     

    تېڭتوۋ كەنتىدە دائىملىق تۇرۇشلۇق 296 تۈتۈن، 787 نوپۇس بار، سىرتتىن كەلگەن نوپۇس 6500 گە يېتىدۇ. 2009- يىلى، بۇ كەنتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 609 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 422 مىليون يۈەن باج تاپشۇردى. تېڭتوۋ گۇرۇھى شىركىتى مەملىكەت بويىچە تىجارەت كۆلىمى ئەڭ كەڭ، تاپشۇرغان باج سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغان يېزا- بازار كارخانىلىرى قاتارىغا كىردى.

     

    جيۇشىڭ كەنتى. جيۇشىڭ كەنتى شاڭخەينىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر چولپان يۇلتۇز بولۇپ، مىنخاڭ رايونى چىباۋ بازىرىغا قاراشلىق، جيۇشىڭ كەنتى «جۇڭگودىكى بىرىنچى بازار كەنتى» دەپ نام ئالغان.

     

    تاراتقۇنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، جيۇشىڭ كەنتىدە 12 يىلدىن بۇيان 500 دىن ئارتۇق ئون مىليونېر، 4000 دىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلىگەن خوجايىن چىققان.



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز