ۋەكىل ۋۇگاڭ: زۇڭلى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى
ھەر بىر ۋەكىل ئاممىنىڭ تۈرلۈك ئارزۇسىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەممىمىز زۇڭلى بىلەن پاراڭلىشىۋېلىشقا ئىنتىزار ئىدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مائارىپ، ئېنېرگىيە... بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار، بۇ ئىشلارنىڭ بەزىلىرىدە قىيىنچىلىق بار، بەزىلىرىگە مەدەت كېرەك، ئەگەر بۇ چوڭ – كىچىك ئارزۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشسا، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
بىزنى قەۋەتلا روھلاندۇرغىنى، زۇڭلىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك سادالىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن كەلگۈسىدە شىنجاڭغا بېرىلىدىغان قوللاش ۋە ياردەم توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرى بولۇپ، بۇ كۆپچىلىكنىڭ مۆلچەرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنىدى، زۇڭلىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان سۆزلىرىگە كۆپچىلىك توختىماي قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، ھاياجېنى ۋە خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى.
زۇڭلىنىڭ سۆزلىرىدىن ئىشەنچكە تولدۇم، بۇنداق ئىشەنچ بىزگە قۇدرەتلىك كۈچ ئاتا قىلىپ، شىنجاڭدا ئېنېرگىيە ئېچىش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. بىز چوقۇم مەركەزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.
ۋەكىل ليۇ شىنچى: زۇڭلى شىنجاڭنى، بىڭتۈەننى قەلبىگە پۈكۈپتۇ
زۇڭلى شىنجاڭنى، بىڭتۈەننى قەلبىگە پۈكۈپتۇ، ئۇ بىڭتۈەننىڭ ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، بۇ بىزگە بولغان ئەڭ زور تۈرتكە ۋە ئىلھام.
زۇڭلى: ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، بىڭتۈەن ‹‹مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق، ئۈلگىلىك›› رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئىلغار مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى داۋاملىق ئوينىشى؛ ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى. ‹‹ئىككى يىغىن›› ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز بارلىق كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى زۇڭلىنىڭ سۆزلىرىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ياخشى ئىگىلەشكە تېزدىن تەشكىللەيمىز ھەم بىڭتۈەننىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشان، ۋەزىپىلەر، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ يىل ۋە ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك تەلەپلەرگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى مۇھىم قوشۇنلۇق رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنى، بىڭتۈەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى رازى قىلىمىز.
ۋەكىل مەمەتئىبراھىم مەمتىمىن: زۇڭلىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ھاۋالىسىنى كەنتىمىزدىكىلەرگە يەتكۈزىمەن
مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقان، چەت، يىراق بىر قۇملۇق ياقىسىدا ئولتۇرىمەن، بۈگۈن زۇڭلىنى كۆرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى زۇڭلىغا يەتكۈزدۈم، بۇ ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئىش بولدى.
مەن خوتەن گولمۇد تۆمۈر يولىنى ياساش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، ‹‹زۇڭلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىشقا باشلايدىغان، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان بۇ تۆمۈر يولنى ياساپ بەرگەن بولسىڭىز›› دېگىنىمدە، زۇڭلى خۇشال بولۇپ چاۋاك چېلىپ كەتتى، بۇنىڭدىن قەلبىم ئۈمىدكە تولدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، زۇڭلىدىن خوتەنگە بىر قىسىم كارخانىلارنى جەلپ قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىشنى سورىغىنىمدا، زۇڭلى 2 – قېتىم چاۋاك چالدى. زۇڭلى: پۇقرالارنى پۇل تېپىش، ئىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز، دېدى. بۇ بىز خوتەن پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك گەپ بولدى، مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.
زۇڭلىنى كەنتىمىزنى كۆرۈپ كېتىشكە تەكلىپ قىلغىنىمدا، زۇڭلى 3 – قېتىم چاۋاك چالدى ۋە پۇرسەت بولسا چوقۇم بارىمەن، دېدى. شۇ چاغدا مەن ھاياجانلانغانلىقىمدىن گەپمۇ قىلالماي قالدىم، چۈنكى بۇ پەقەت مېنىڭلا ئارزۇيۇم بولۇپلا قالماي، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ، پۈتۈن خوتەن خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.
زۇڭلىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ھاۋالىسىنى كەنتىمىزدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ، كەنتتىكىلەرنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەيمەن، زۇڭلىنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن.
ۋەكىل زېڭ سۈن: تەسىراتىمنى ‹‹ئىللىق›› دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلايمەن
بۈگۈن زۇڭلىغا قەشقەرنىڭ خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش، ئىشتات كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمدا، زۇڭلى ئىنكاسىمغا دەرھال جاۋاب بەردى ھەم مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، مايىللاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلاندىكى ھالقىلىق مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇ چاغدا قەلبىم تولىمۇ ئىللىقلىققا تولدى.
زۇڭلىنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدە تۇرۇپ بىر رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلگىنىدىن بەك تەسىرلەندىم. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ۋە يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەشقەردە ئاچقان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىمىز.
قايتىپ بارغاندىن كېيىن، زۇڭلىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان غەمخورلۇقى، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان كۆيۈنۈشىنى ۋىلايىتىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا، بولۇپمۇ مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرىمەن.
ئەسلى مەنبە: http://uzunyol.cn/home/News-View-Topic.aspx?id=11609&topic_id=35