ئۇزار تورى مەخسۇس خەۋىرى :ئابدۇنەبى ئابىلىكىم دىگەن ئىسىم بىزگە ئانچە ناتونۇش ئەمەس،يىقىندا رادىئو،تېلىۋىزىيە،چوڭ تور بىكەتلەر ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا بۇ تېرىشچان يىگىتنىڭ ئىش ئىزلىرى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرى تارقالغان،تور بىكىتمىزدە بۇ يىگىتنىڭ يىقىنقى ئۈچ ئۈنۈملىك لايىھە ئەسەرلىرىنى تارقاتتى، قېنى ھوزۇرلانغايسىزلەر!
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئازدۇر كۆپتۇر ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، مەسىلەن ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، رەسىم سىزىش، كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش...تۆۋەندە بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئابدۇنەبى ئابلىكىم بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
ئابدۇنەبى ئابلىكىم
يۇرتى : قەشقەر شەھىرى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى: چېڭدۇ غەربىي جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
نەتىجىلىرى:
2008-يىلى چېڭدۇ «غەربىي جەنۇب مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى يۇلتۇزى» ناخشا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.
2008-يىلى 5-ئايدا «ئولىمپىك لوڭقىسى» تور بېكەت لايىھىلەش مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى غەربىي جەنۇب مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى يېڭى يىللىق كېچىلىكىدە «ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشىچى» بولۇپ باھالانغان.
2008-يىلى فىلەش كارتون ئەسىرى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تاللانما دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
2009-يىلى فاكۇلتىت ئوقوغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەدەبىيات-سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ناخشا ئېيتىش، ئۈن ئېلىش تېخنىكىسى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلغان.
2009-يىلى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تاللانما دەرسىگە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بىر يىل تەكشىلىكتە لايىھىلەش ۋە تەكشىلىكتە كارتون ئىشلەش دەرسى بەرگەن.
)Photoshop.Flash.3Dmax. Dreamweaver. Fireworks (2009-يىلى 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ناخشا مۇسابىقىسىدە مەكتەپ بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، مەكتەپكە ۋاكالىتەن يۇقىرى ئۆرلەش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان، ئىككى ئايلىق كەسكىن رىقابەت نەتىجىسىدە، چېڭدۇ مۇسابىقە رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى غەربىي جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا كىچىك تىپتىكى ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن.
2009-يىلى ئاكىسى «ئابدۇغېنى ئابلىكىم شەخس بىلوگى»نى لايىھىلەپ قۇرۇپ چىقىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئابونت سانىنى يۈز مىڭدىن ئاشۇرغان.
2010-يىلى مەكتەپ يېنىغا فىلخار كۆپ ۋاستلىلىك مېدىيا ئىشخانسىنى قۇرۇپ چىققان.
2010-يىلى، يىل ئاخىرىدا 2-قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزگەن.
2010-يىلى ئالىي مەكتەپ ئۈچىنچى يىللىقىدا مەكتەپنىڭ «رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
2011-يىلى يىلىدا گېرمانىيە ئادام تېببىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ چېڭدۇ تارماق شىركىتىدە تور بېكەت مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. ھەمدە ئېلىكتىرونلۇق تاختاي يوللىرى سىزىش بىلەن شۇغۇللانغان.
2011- شېنجىن تيەن يا بېزەكچىلىك شىركىتى قەشقەر تارماق شىركىتىنى بىرلىشىپ قۇرغان. شىركەتتە باش لايىھە نازارەتچىسى بولغان.
2012-يىلى قەشقەر يېزا سودا بانكىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مالىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە تىيەنيا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلىگەن.
2013-2014-يىلى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن تىنماي تىرىشىپ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇل سالغان.
2014-يىلى يىل ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لايىھە ئىشلىرىنى، چېن جۈ خې مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ تور بېكەت، مىكرو تور بېكەت لايىھىلەش ئىشلىرىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيىلەرنىڭ 3D لايىھە ئىشلىرنى قىلغان.
2015-يىلى يۇقىرىقى خىزمەتلەردىن باشقا، كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇمشاق دېتال ئېچىش-لايىھىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
3د ئەسەرلىرى.
ناخشا ئىجادىي ئەسەرلىرى:
دادىسى ئابلېكىم روزى ئەپەندى ۋە ئاكىسى ئابدۇغېنى ئابلېكىم