تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
4388 كەسپىي ئورگان ئىشتاتى قىسقارتىلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشتاتى خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئورگان ئىشتاتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭدا «ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش ۋە ئورگان ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى» بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنى قايتا تەشكىللەش خىزمىتىنى تاماملىغان. تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش دەسلەپكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ۋە رەتلەش ئارقىلىق كەسپىي ئورگانلارنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان ۋە بۇنى ئاساس قىلغان ھالدا كەسپىي ئورگانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرلەشتۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون بىۋاسىتە قىسقارتىش ئېلىپ بارغان كەسپىي ئورگان 101 بولۇپ، 4388 كەسپىي ئورگان ئىشتاتى، 124 رەھبەرلىك ئورنى بىكار قىلىنغان.   


ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز