-
2011-01-24
ھەججەت ياكى مۇندەرىجىلەرنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغۇچ - [يۇمتال]
Meld بولسا ئىنتايىن قولايلىق بىر خىل يۇمتال بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ھەر خىل ھۆججەت ياكى مۇندەرىجىلەردىكى ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىقلارنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغىمۇ ( diff ) ياكى ئۆز-ئارا قوشۇشقىلى ( merge ) بولىدۇ.
ھۆججەت سېلىشتۇرۇش
مۇندەرىجە سېلىشتۇرۇش
1. ئۇبۇنتۇغا قاچىلاش ئۇسىلى:
sudo apt-get install meld
قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولسا 应用程序-->编辑 گە Meld Diff تۈرىدىن بىرسى قوشۇلىدۇ2. Gedit بىلەن ماسلاشتۇرۇش
ئالدى بىلەن Gedit نى ئېچىپ ئۇنىڭدىن 编辑--> 首选项-->插件 نىڭ ئىچىدىكى 外部工具 گە توغرا بەلگىسىنى قويۇپ ئاستىدىكى 配置插件 نى تاللايمىز، بۇ چاغدا بىر كۆزنەك رامكا ئېچىلىدۇ. ئەڭ ئاستى سول تەرەپتىكى " يېڭىدىن قوشۇش " قورالىنى چېكىمىز ھەمدە ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپىدىكى تەھرىرلەش رايونىغا تۆۋەندىكى كودنى كىرگۇزىمىز.
#!/bin/sh
meld $GEDIT_CURRENT_DOCUMENT_DIR/$GEDIT_CURRENT_DOCUMENT_NAME `zenity \
--file-selection --title="File for comparsion" --filename=/home/` &
ئۇنىڭ ئاستىدىكى تېز مەشغۇلات كۇنۇپكىسى ( 快捷键 ) نى ئۆزىمىز خالىغانچە قىلىپ تەڭشىۋەتسەكلا پۇتتى.