-
2011-01-21
تورخانىلارغا Linux سېستىمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بولارمۇ؟ - [يېڭىلىقلار]
ئويلاپ باقايلى، ئادەتتە تورخانىغا بارساق نېمىلەرنى قىلارمىز؟ پەرىزىمچە ئاساسەن ئويۇن ئويناش، كىنو كۆرۈش، پاراڭلىشىش، خەۋەر كۆرۈش قاتارلىق 4 تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئەجەبا يۇقارقىلارنى Linux دا قىلغىلى بولماسمۇ؟
مېنىڭچە، خەۋەر كۆرۈشتىن باشقىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرى تورخانىدا تورغا چىققۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسمىكىن دەپ ئويلايمەن. بەلكىم خەۋەر كۆرۈش ئۈچۈن IE مۇ بولمىغان سېستىمىغا كۆنەلمىسە، كومپىيۇتېردىن ئازىراقلا كاشىلا چىقسا ئۇ چاغدا تورخانا باشقۇرچىغا ئىلتىجا قىلماقتىن باشقا ئامال يوق.
ئۇنداقتا wine نى قاچىلاپلا windows غا تەقلىد قىلىۋېتىلسە بولمىدىمۇ دېيىش مۈمكىن. wine نورمال ئىشلەپ بەرسىغۇ ياخشى ناۋادا ئۇنىڭدىنمۇ چاتاق چىقسىچۇ؟ تورخانىدا تورغا چىققۇچىلارغا كېرىكى نورمال ئىشلەيدىغان سېستىما. كوپپىيۇتېر قوزغالغاندا ناتونۇش كۆزنەك ئېچىلسا، قانداق قىلارمىز ؟ يۇمتال ۋە ياكى باشقا نەرسىلەرنى چۈشۈرگەندە ئەپلەپ چۈشۈرەلمىسەكچۇ؟ يەنىلا شۇ تورخانا باشقۇرچىغىلىرىنى ئاۋارە قىلماقتىن باشقا چارە يوق.
ئەگەر راستىنلا ھەممە تورخانىلار Linux سېستىمىسىنى ئومۇملاشتۇرسا، تورخانا باشقۇرغۇچى خادىملىرى ئالدىراشچىلىقتا ھېرىپ ساراڭ بولىدۇدە…خې…خې…خې…
Linux ھەرقانچە بېخەتەر، ئىقتىدارى ھەرقانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى تورخانلارغا ئومۇملاشتۇرۇش تاتلىق شېرىن چۈشتىن ئىبارەت بولۇشى مۈمكىن. ^_^