The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20160817031450/http://www.blogbus.com/uyubuntu-logs/100468978.html

سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۈر ماقالىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز، يالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ياكى پايدىلانسىڭىز بولىدۇ(كۆچۈرۈشكە چەك قويۇلغىنى بۇنىڭ سىرتىدا) . ماقالىنىڭ ئۇلىنىش ئادىرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • 2011-01-19

    wine ئارقىلىق Linux نىڭ ۋېرۇسلىنىشى - [بېخەتەرلىك]

    تۆۋەندىكىسى مەلۇم تورداشنىڭ ئېلىپ بارغان تەجىربىسى ئىكەن. پايدىلىنىش قىممىتى بولۇشى مۈمكىن دېگەن مەقسەتتە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.
    Linux ھەركىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق بىخەتەر ئەمەس، گەرچە Windows غا قارىغاندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭمۇ ھەر زامان ۋىرۇسلىنىش ئېھتىماللىقى بار.
    Windows سېستىمىسى ئۈچۈن ياسالغان ۋېرۇس Linux قا يۇقمايدۇ، بۇنىڭدىن مەن خاتىرجەم دەپ ئويلاپ قالماڭ! بولۇپمۇ wine نى ئىشلەتكەندە ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن wine ئارقىلىق ۋېرۇسلارنى ئىجرا قىلىپ قالسىڭىز بىچارە Linux سېستىمىڭىزنىڭ كۇنى تەسكە توختايدۇ…^_^
    تۆۋەندە wine نىڭ Linux سېستىمىسىنى ۋېرۇسلاش جەريانىنى تەجىرىبە ئارقىلىق سىناق قىلىپ كۆرۈپ باقايلى…

    ئالدى wine ئارقىلىق IE نى ئىجرا قىلىپ ۋېرۇسلانغان بىرەر تور بەتكە كىرەيلى. مەسىلەن http://vivilan.cn بۇنى ئاچساق ۋېرۇستىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

    بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي كىرىۋەرسەك سېستىما ۋېرۇسلىنىدۇ. بانكا ھېساباتىڭىزنىڭ ئوغۇرلىنىپ كېتىلمىسۇن، ئېھتىيات قىلىڭ!

    ئەمدى يەنە، توردىن بىرەر ۋېرۇس چۈشۈرەيلى ياكى ۋېرۇسلانغان بىرەر ھۆججەتنى ئىجرا قىلىپ سىناپ باقايلى. يۇقارقى ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق كومپۇتېر ۋېرۇسلاندى دەپ پەرەز قىلىپ، نەتىجىسىنى كۆرۇپ باقايلى.
    ۋېرۇس تازلاش دېتالدىن پايدىلىپ كومپۇتېرنى تەكشۈرۈپ باقساق نەتىجىسى بىردەمدىلا چىقىدۇ.

    分享到:

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق