-
مۇناسېۋەتلىك فىلىم
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، تۇخۇم 12 دانە، قارىمۇچ بىر چىمدىم، قوي گۆشى 500 گرام، كاۋاۋىچىن بىر چىمدىم، دۈمبە ياغ 140 گرام، جاڭيۇ ئازراق، شاخا ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. توغرىغا ئازراق، ئاچچىقسۇ ئازراق، سامساق ئىككى باش، پالەك تۆت تۈپ.
1. خېمىر ئېشى (سېرىق لەڭمەن) ياسىغاندەك ياسىلىدۇ. (<سېرىق لەڭمەن>)بابىغا قاراڭ. گۆشنى پىشۇرۇپ يالپاقلاپ توغراپ قويۇلىدۇ. شورپا قايناپ تۇرىدۇ.
2. ئىككى دانە تۇخۇمدا نېپىز پوشكال ياساپ، ئىنچىكە توغرىلىدۇ. قايناۋاتقان شورپىغا قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرالغان دۈمبە ياغ، ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، سامساق، چوڭ - چوڭ توغرالغان پالەك، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، ئازراق جاڭيۇ، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، خۇرۇچلۇق پىششىق شورپا تەييار
لىنىدۇ. 3. سېرىق لەڭمەننى ئىسىتىپ، چوڭقۇر تەخسىگە ياكى چىنىگە ئېلىپ، توغرالغان گۆشتىن بىر نەچچە ياپىلاق سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكە توغرالغان تۇخۇم پوشكىلىدىن ئازراق سېلىپ، تەييارلانغان خۇرۇچلۇق پىششىق شورپىدىن قۇيۇپ، سوققان قارىمۇچ سېپىپ تەييارلىنىدۇ. تۇخۇمنى قايناۋاتقان شورپىغا چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇپ ئېلىپ، ھەربىر قاچا ئاشقا بىردىن تۇخۇم سالسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
历史上的今天:
ئاتۇش چۆپى 2009-04-25نارىن چۆپ 2009-04-25مېغىز چۆچۈرىسى 2009-04-25قايماق چۆچۈرىسى 2009-04-25كۆك چۆچۈرىسى 2009-04-25
