• ئۆي نېنى

    2009-04-22

    تەۋە تۈرى:نانلار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    ئۇن بەش كىلوگرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 

    1. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق يۆگەپ ئىككى سائەت قويۇپ بولدۇرغاندىن كېيىن، بىر جىڭلىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ قوغۇنلاپ تاۋلاپ، گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزراك قىلىپ، كەڭرەك نان ياساپ، ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ - تۈكچە چېكىپ ئۈستىگە داستىخان يېپىپ 15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. 
    2. تونۇرنى ئادەتتىكىدەك تەييارلاپ، تۇز سېپىپ تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، ناننىڭ ئارقىسىنى تۇز بىلەن ھۆللەپ تونۇرغا يېقىپ تولدۇرغاندىن كېيىن، ناننىڭ يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ 20 ـ 15 مىنۇت خۇيلىنىدۇ. ئاندىن ئاغزىنى ئېچىپ، ئوت بوش بولسا داپخاننى ئېچىۋېتىپ، ناننى قىزارتىپ، قۇرۇتۇپ ئېلىنىدۇ.


    历史上的今天: