• پېتىر نان

    2009-04-22

    تەۋە تۈرى:نانلار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    ئاق ئۇن ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام ، قايماق 70 گرام. 
    پىيازنى ئۇششاق چاناپ، كاۋاۋىچىن بىلەن بىللە سۇغا سېلىپ، قاينىتىپ تەمى چىققاندىن كېيىن پىياز، كاۋاۋىچىننى سۈزۈۋېتىپ، سۇيى سوۋۇتۇلىدۇ. 
    2. سوۋۇتۇلغان سۇغا خېمىرتۇرۇچنى سېلىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ 280 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزىمىز. ئاندىن ئۇلارنى گىرۋىكى قېلىنراق، ئوتتۇرىسى نېپىزرەك نان ياساپ، يۈزىگە چەككۈچ ئۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 
    3. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ چوغلىرىنى ئوتتۇرىغا يىغىپ ئۈستىنى كۆمۈپ، تونۇرغا تۇز ئۇرۇپ ھاۋىسىنى پەس تەڭشەيمىز. ئۇششاق توغرالغان پىياز بىلەن قايماقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ناننىڭ يۈزىگە نېپىز سۈرتۈپ، تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ. نان نېپىز بولغاچقا، ئاسان پىشىدۇ.


    历史上的今天: