• گۆشگىردە

    2009-04-17


    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    گۆشگىردە
    ئۇن ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر كىلوگرام، گۆش ئىككى كىلوگرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، دۈمبە ياغ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ بىر 750 گرام.

    1. گۆشگىردىنىڭ خېمىرىنى قاتتىق، تۇزلۇقراق پېتىر خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، خېمىرنى يېرىم بولدۇرغاندىن كېيىن، بىر سەرلىكتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، 20 ـ
    15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، ھەربىر زوۋۇلىنى جىلتا ئېچىلىدۇ. 
    2. قوي ياكى كالا گۆشىنى نېپىز ۋە قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئازراق سۇ يېدۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا نېپىز يالپاقلانغان پىياز، تۇز، قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. دۈمبە ياغنى يالپاقلاپ نېپىز توغرىلىدۇ. 
    3. تەييارلانغان جىلتقا قىيما ۋە بىر تالدىن دۈمبە ياغ سېلىپ، خۇددى بولاق مانتا
    تۈگكەندەك تۈگۈپ، ئۈستىگە سۇ ئۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 
    4. قىزىتىلغان تونۇر (ئەڭ ياخشىسى يۇلغۇن قالاپ قىزىتىلسا ياخشى)، ئوتلىرىنى تونۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ، داپخاننى چىڭ ئېتىپ، تونۇر يۈزىگە تۇز سۈيى چېچىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان گۆشگىردىنى تونۇرغا يېقىپ بولۇپ، يۈزىگە يەنە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ھور چىقمايدىغان قىلىپ مەھكەم ئېتىپ، 15 - 20 مىنۇت خۇيلىنىدۇ. 
    5. گۆشگىردە خۇي يېگەندىن كېيىن تونۇرنىڭ ئاغزىنى ۋە داپخاننى بوش ئېچىپ، ئوتنى يەلپۇپ يالقۇنجىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. گۆشگىردىنىڭ يۈزى قولغا چاپلاشماي قېتىشقان بولسا خۇي يېگەن بولىدۇ. 
    گۆشگىردە پىشقاندىن كېيىن ئۇنى قومۇرۇپ، داستىخانغا سوغۇق سۇ بىلەن قويۇلىدۇ.


    历史上的今天: