• ئۆي لەمپۇڭى

    2011-05-05

    تەۋە تۈرى:سوغوق سەي

    تىلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ ھازىرقى ئېنىق ئورنىنى تېپىشنى خالامسىز؟يەرشارى ئۇرۇن بەلگۈلەش سېستىمىسى سىزگە ياردەم بېرىدۇ
    لەمپۇڭ بىزدىكى قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئالىدىغان ياخشى يىمەكلىك ھىساپلىنىدۇ، مەن ئادەتتە پۇرچاق ئۇنىدا تەييارلانغان لەمپۇڭ ئۇيۇتمىسىنى ئاسان ھەزىم بۇلمايدۇ، ئاشقازانغا پايدىسىز دەپ قاراپ ئۇيدەتەييارلىغان لەمپۇڭنى بۇغداي ئۇنىدا قىلىمەن، تۇۋەندەئۇزەمنىڭ لەمپۇڭ ئۇيۇتۇش ئۇسۇلۇمنى يۇلاپ قۇيدۇم ،يارىسا پايدىلىناسىلە.[ ئۇندىن 500گىرام ئىلىپ يۇغۇرۇپ،خىمىرنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ سۇيىنى چىقىرىۋالىمىز، خىمىر سۇيى تىنغاندىن كىيىن ،تۇپىدىكى سىرىق سۇيىنى تۇكىۋىتىمىز، قازانغا 1.5كىلۇ ئەتراپىدا سۇ قۇيىمىز، قاينىغاندا خىمىر سۇيىنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئالدىرىماي قۇيىمىز، ئاندىن ئۇتتۇراھال ئۇتتا قۇچۇپ تۇرۇپ پىشۇرىمىز،15-20مىنۇت قاينىغاندىن كىيىن سىرى يۇق چۇڭ قاچىغا ئىلىپ سالقىن جايغا قۇيۇپ سۇۋىتىمىز،100گىرام كالا گۇشىنى ئۇششاق تۇغراپ يىرىم چۇمۇچ مايدا پىششىق قۇرۇپ ئۇتنى ئۇچۇرىۋىتىپ چانالغان سامساق، قىزىل مۇچ ئۇنىنى سىلىپ تەكشى  ئارلاشتۇرۇپ ،ئۇتنى قايتا ياقىمىز، ئاندىن ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ، كاۋىۋىچىن ئۇنى، قارمۇچلارنى سىلىپ بىر قاينىتىپ تەمىنى تەڭشەپ ئالىمىز،شۇنىڭ بىلەن تەملىك ئىشەنچىلىك ئۇي لەمپۇڭى تەييار بۇلىدۇ، سۇۋىغان ئۇيۇتمىنى تۇغراپ تەييارلانغان شۇرپىنى قۇيۇپ يىسڭىز ماڭا رەخمەت ئىيتماي قالمايسىز
    分享到: