200 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى تارىخى
تېڭشۈن تورى 7-ئاپرىل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
1784-يىلىدىن بۇرۇن، شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىۋاستە ئالاقە بولۇپ باقمىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ھەممىسى ياۋروپا سودىگەرلىرى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ئېلىپ بېرىلغان. لېكىن جۇڭگو چېيى ئىچىش شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان. بوستوندا چاي ۋەقەسىنىڭ بايان قىلغىنى دەل 1773-يىلى 12-ئايدا، شىمالىي ئامېرىكا خەلقى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ باج ئېلىش سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەنگلىيە مەجبۇرىي تۆكمە قىلىپ ساتقان سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن چاينى پۈتۈنلەي دېڭىزغا تۆكۈۋېتىدۇ، جۇڭگو چېيى ئامرىكا مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى كاتالىزاتور بولۇپ قالىدۇ. (سۈرەتتە بوستون پورتى)
1784-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا سودا كېمىسى «جۇڭگو خانىشى» گۇاڭجۇ خۇاڭپۇ پورتىغا يېتىپ كېلىدۇ، كاپىتان ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئۆزلىرىگە «ناھايىتى كەڭ قورساق» مۇئامىلە قىلغانلىقىنى يازىدۇ. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىغا قايتقاندا، ئامېرىكىلىقلار پاراخوتتىكى جۇڭگودىن ئېلىپ كەلگەن ماللارنى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ. ۋاشىنگتونمۇ ۋاكالىتەن ئادەم ئەۋەتىپ بىر تۈركۈم ماللارنى جۈملىدىن بەزى ساپال بۇيۇملارنى سېتىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى 40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكىدىن جۇڭگوغا كېلىپ-كەتكەن كېمىلەر 1104كە يېتىپ، سودا سوممىسى ئەنگىلىيەدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. (سۈرەتتە ۋاشىنگتوننىڭ ھەيكىلى)
1844-يىلى، جۇڭگو-ئامېرىكا «ۋاڭشيا شەرتنامىسى» ئىمزالىنىدۇ. ئامېرىكا «تەڭ پايدا ئېلىش» ماددىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر جۇڭگودا ئېرىشكەن ئىقتىسادىي ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولىدۇ؛ جۇڭگونىڭ تاموژنا باج نىسبىتى «نەنجىڭ شەرتنامىسى»دا بەلگىلەنگەن «ئادىل بېكىتىش» پىرىنسىپىدىن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق كونسۇل ئەمەلدارلىرىنىڭ «مۇھاكىمە قىلىپ ئىجازەت بېرىش» تۈزۈمىگە ئۆزگىرەيدۇ؛ باشقا ماددىلىرى يەنە ئامېرىكىلىق سودىگەرلەرنىڭ جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى ھەرقايسى پورتلاردىكى مال يۆتكەش ھوقۇقى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تايلور بۇ شەرتنامە «ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر مەۋقەگە كۆتۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سودا ئىشلىرى ۋە باشقا مەنپەئەتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق» دەيدۇ. (سۈرەتتە «ۋاڭشيا شەرتنامىسى» ئىمزالانغان جاي)
1899-يىلى ئامېرىكا «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كۈچلۈك دۆلەتلەر بۇنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ سىياسەت كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى تەسىر دائىرىسى ۋە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئۇ كۈچ دائىرىسى ۋە ئىجارە يەر ئىچىدە ئوخشاش بولغان تاموژنا بېجى، پورتقا كىرىش ھەققى ۋە تۆمۈر يول كىرا ھەققىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئىجارە يېرى ۋە تەسىر دائىرىسىنىڭ ئامېرىكىغا ئېچىۋېتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا توختىماستىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە يېڭى مەزمۇن، يېڭى ئىزاھاتلارنى قوشۇپ، ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە يول ئاچىدۇ. ( سۈرەتتە 1899-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ ماكىنلېي)
ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان سودىسى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى فاشىزىمغا قارشى ئىتتىپاق بايرىقىدا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى «ئىجارە يەر ياردىمى» شەكلى ئارقىلىق جۇڭگونى نۇرغۇن ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قورال-ياراغ، ئوق-دورا، ئىستراتېگىيەلىك خام ئەشيا، ئاشلىق ۋە باشقا تۈرلۈك ماددىي ئەشيالار بار ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىن ھېسابات قىلىشنى قارا قىلىدۇ. پېئارل خاربور پورتى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا جۇڭگوغا ياردەم بېرىشتىكى سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. 1942-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە، «تۆگە لوكىسى» ھاۋا لىنىيەسى ئارقىلىق جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانلىرىغا 800 مىڭ توننا جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيا يۆتكەيدۇ. (سۈرەتتە پېئارل خاربور پورتى)
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان سودىسى ئۇرۇشتىن كېيىنكى «ياردەم بېرىش قۇتقۇزۇش» نامى ئاستىدا تاۋارلىرى جۇڭگوغا سەلدەك ئېقىپ كىرىدۇ. 1947-1948-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان سودا ئاكتىپ بالانىسى 17 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئامېرىكىنىڭ كاپىتالنى سىرتقا چىقىرىشقا يول ئېچىپ بېرىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پات ئارىدا يىمىرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئامالسىز ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى مونوپول قىلىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىق ھالدا جۇڭگوغا ئاز دېگەندە 6 مىليارد دوللار كاپىتال چىقىرىپ، جۇڭگو كاپىتال بازىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك مونوپول قىلىۋالىدۇ. (سۈرەتتە نەنجىڭ زۇڭتۇڭ سارىيى)
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاخىرىدا جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادنى قامال قىلىش يولىنى تاللايدۇ. چاۋشيەن ئۇرۇشىدا تىغ كۆتۈرۈش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئېھتىياجى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈزۈل-كېسىل دۈشمەنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 1955-يىلى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دۇلېس ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق سىياسىي، ھەربىي جەھەتتىن يېڭى جۇڭگونى يېتىم قالدۇرۇشى، قورشىۋېلىش سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، غەرب ئەللىرىنى ھازىرقى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ خىل قاتمال سىياسەت تاكى 1970-يىلنىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى شۇنىڭ بىلەن 20 نەچچە يىل ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. (سۈرەتتە ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشى خاتىرە ھەيكىلى)
1972-يىلى 2-ئايدا نىكسون جۇڭگونى زىيارەت قىلىدۇ، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت سودىسىنى تەدرىجىي راۋاجلاندۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە بىردەك قوشۇلىدۇ. شۇ يىلى ئامېرىكا سودىگەرلىرى گۇاڭجۇدىكى جۇڭگو ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ. 1973-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو-ئامېرىكا ئۆز-ئارا يېرىم ھۆكۈمەت «ئالاقە ئورنى» تەسسىس قىلىپ، ئامېرىكا-جۇڭگو سودىسىدا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ. شۇ يىلى جۇڭگو ئامېرىكىدىن يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بوئېن 707 تىپلىق ئايروپىلان قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدۇ. 1975-1977-يىللىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش داۋالغۇش ئىچىدە مۇقىم بولماي، ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم تۇرغۇنلۇققا پېتىپ قالىدۇ. (سۈرەتتە نىكسوننىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى)
1979-يىلى جۇڭگو-ئامېرىكا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. شۇ يىلى 7-ئايدا جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ يىللىق «جۇڭگو-ئامېرىكا سودا كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا قارشى تەرەپكە ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت ئىمتىيازى بېرىپ، ئۆز-ئارا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتكۈل 80- يىللاردا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىدۇ. ئارىلىقتا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئامېرىكىدىن جۇڭگوغا كىرگۈزۈلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ نىسبىتى تەدرىجىي زورىيىدۇ. 1989-يىلى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 12 مىليارد 273 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ 3-چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ 6-چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلىنىدۇ. (سۈرەتتە جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتى)
1989-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتىدا جۇڭگونى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان جۇڭگوغا قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، قېرى بۇش بەزى مۇناسىپ ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ، لېكىن ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي جازانى يولغا قويمايدۇ. 1994-يىلى كلىنتون ھۆكۈمىتى ئاقىلانە ھالدا ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى مەسىلىسى بىلەن ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى ئايرىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتىكى مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كلىنتون 1997-2000 غىچە ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە بىر يېڭى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. (سۈرەتتە كلىنتون)
2000-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى جۇڭگوغا مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى ئورنىنى بېرىدۇ. 2001-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو WTOغا رەسمىي ئەزا بولىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۆپ ھالدا كۆپ تەرەپلىمە سودا قائىدىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىدۇ، جۇڭگوغا قاراتقان تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش دېلو مىسالى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەر جۇڭگونى WTOدىكى ۋەدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى دەپ قارايدۇ، ئەمما كۆپلىگەن ئامېرىكا كارخانىلىرى ئۇلارنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى تىجارىتىنى تېخىچە سىياسەت، قانۇن-نىزام ۋە سىياسەت تۈزۈلمىسىنىڭ دەخلى قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. (سۈرەتتە WTO نىڭ باش شىتابى)
2006-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت مېخانىزىمىنى باشلاش توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىدۇ، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىشقا رەسمىي يول ئالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. 2009-يىلى لوندون G20 باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى يۇقىرى قاتلام سۆھبەت مېخانىزىمىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئىككى دۆلەت «ئامېرىكا-جۇڭگو ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى» مېخانىزىمى قۇرۇشنى قارار قىلىدۇ. (سۈرەتتە جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى)
پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى پۈتۈن يەر شارىغا يامرىغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيىسى دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېتىبار بېرىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ كىرىزىسنى كونتىرول قىلىش مېخانىزىمى تەدىرىجىي مۇكەممەللەشتى. جۇڭگو ئىزچىل ھالدا مەسئولىيەتچان پوزىتسىيىسى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللىدى. گەرچە شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسىدا يەنىلا بىر قىسىم ئىختىلاپلار مەۋجۇت، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سودا قورۇقچىلىقى كەيپىياتى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. (سۈرەتتە تىرامپ)