مەھسۇلات ۋاكالەتچىلىك توختامى
ئا تەرەپ:
ب تەرەپ:
بازارنى كېڭەيتىش، مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى ئوبرۇتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى تونۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاقمەنپەئەتى ئۈچۈن، سەمىمىي ھەمكارلىشىش پىرىنسىپى ئاستىدا تۆۋەندىكىدەك ئەھدىنامەتۈزۈلدى.
بىرىنچى : ئاتەرەپ ب تەرەپكە مەھسۇلاتىنىڭ رايونىدىكى ۋاكالىتەنسېتىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ.
2. ب تەرەپ چۇقۇم مەزكۇر مەھسۇلاتقا قارىتا سېتىش تەجىرىبىسىگە ۋەبازار ئاساسىغا ئىگە بولىشى كېرەك. مەخسۇس ئادەم سېتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىشى ۋەدۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈم، پىرىنسىپلىرىگە ئاڭلىق بويسۇنۇشى كېرەك. ئا تەرەپ بتەرەپنىڭ سېتىش پىلانىغا ئاساسەن ب تەرەپكە ۋاقتىدا سۈپەتلىك ساقلاش مۇددىتىئىچىدىكى مەھسۇلات تەمىنلەپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەھسۇلات سۈپىتىگەنىسپەتەن مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە مەھسۇلات سۈپىتىسەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىياننى ئا تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ب تەرەپتۇشۇش جەريانىدا ياكى ساقلاش جايىدا بولماسلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بۇزۇلۇش زىيىنىنىئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۈچىنچى: ئا تەرەپ ب تەرەپكە مەھسۇلاتنىڭئىشلەپچىقىرلىش جەريانىدىكى بارلىق رەسمىيەتلەرنى تولۇق تەمىنلەپ بېرىدۇ.
تۆتىنچى: ب تەرەپ توختامئىمزالاپ 2 ئاي ئىچىدە مەزكۇر رايوندا مۇشۇ خىل مەھسۇلاتنى سېتىشقا بولىدىغانبازارنىڭ 80%ىنى ئىگىلىشى كېرەك. بىراق رايون ئاتلاپ مال سېتىشقا، باشقا رايوندىكىۋاكالەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. شۇنداق ئەھۋال بايقىلىپقالسا سېتىلغان ماللىرىنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كىيىن شۇ مەھسۇلاتلارنىڭھەممىسىگە پارچە باھاسىدىن ئىككى ھەسسىسى بويىچە ھېسابلاپ جەرىمانە قويۇلىدۇ.
بەشىنچى : ب تەرەپ توختام ئىجرا بولىۋاتقانمەزگىلدە ئايلىق ئومۇمىي سېتىش سوممىسى 30مىڭ يۈەندىن چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئالتىنچى: توختام ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ ئاتەرەپكە ۋاقتى- ۋاقتىدا ئىسكىلات قالدۇقىنى، بازار ئەھۋالىنى دوكىلات قىلىپ تۇرىشىكېرەك. تۇنجى قېتىمدا كىرگۈزگەن مال سوممىسى18مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
يەتتىنجى : ئاتەرەپ ب تەرەپ ئەۋەتكەن مال سوممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 3 خىزمەت كۈنىئىچىدە مالنى ھاۋالىلىك توشۇش ئورۇنلىرى ئارقىلىق ب تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.توشۇش ھەققىنى ب تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. مالغا مۇناسىۋەتلىك بۇزۇلۇش، يۈتۈشقاتارلىق ئىشلارغا نىسبەتەن ئا ۋە ب تەرەپ ھاۋالىلىك تۇشۇش ئورۇنلىرىنىڭمەسئۇلىيىتىنى ئورتاق سۈرۈشتە قىلىدۇ.
سەككىزىنچى : ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ ئەڭ تۆۋەنباھاسىدا مال تەمىنلەش ئىمتىيازىغا ئىگە بولىدۇ، مەھسۇلاتنىڭ تەمىنلەش باھاسىنى ئاتەرەپ بېكىتىدۇ، باھا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەڭشەپبولغاندىن كىيىن شىركەت تامغىسى بېسىلىپ ب تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
توققۇزىنچى : ئا ۋە ب تەرەپ تەمىنلەش - سېتىشمۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. پۇل تۆلەش شەكلى - نەق ھېسابات قىلىش شەكلىدە بولىدۇ. شىركەتھېساباتىغا پۇل كىرگەندىن كىيىن مال ئەۋەتىلىدۇ.
ئونىنچى : ئا تەرەپ شىركەت تامغىسى بېسىلىپئۇقتۇرۇش قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ ھەر قانداق خىزمەتچىسىگەپۇل بېرىپ تۇرۇش ۋە ئەۋەتىپ بېرىشكە، مال يۆتكەپ بېرىشكە بولمايدۇ. شۇنداق ئەھۋالبايقالسا بارلىق مەسئۇلىيەتكە ب تەرەپ ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.
ئونبىرىنچى : ھەر ئىككى تەرەپ توختام مەزمۇنىغائاڭلىق بويسۇنىشى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك.
ئون ئىككىنچى : توختام ئىمزالاپ بولۇنغاندىن كىيىنخىلاپلىق ئەھۋاللىرى بايقالسا كېلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ، كېلىشەلمىسەتەرەپلەر تۇرۇشلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
ئون ئۈچىنچى : توختام ۋاقتى: _______يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىدىن_______ يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىگىچە؛ مۆھلەتتوشقاندىن كىيىن ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئارقىلىق ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ.
ئون تۆتىنچى : مەزكۇر توختام بىر يۈرۈش ئىككى نۇسخابولۇپ ئا ۋە ب تەرەپ بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ. توختامغا ئىمزا قويۇپ تامغا (ياكىبارماق) باسقاندىن كىيىن ھەر ئىككىلىسى قانۇنىي كۈچكە ئىگە.
ئون بەشىنچى : توختام ئىمزالاپ 15 كۈن ئىچىدە مالكىرگۈزمىسە ياكى مال كىرگۈزۈشكە ئامالسىز قالسا توختام ئۆزلۈكىدىن كۈچتىن قالىدۇ .
ئا تەرەپ ******** شىركىتى
ئادرېسى :
تېلېفون:
ھېساب ئاچقان بانكا: ***بانكىسى
ھېسابات نومۇرى:
ب تەرەپ:
ئادرېسى:
تېلېفون:
توختام ئىمزالانغان ۋاقىت : ___ - يىلى ___ئاينىڭ ___ كۈنى