قانداق ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؟
دۆلىتىمىز ‹‹شەھەر ئۆي – زېمىنىنى باشقۇرۇش قانۇنى›› شەھەر ئۆي – زېمىنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆي – زېمىن بازىرى تەرتىپىنى ساقلاش، ئۆي – زېمىن ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۆي – زېمىن كەسپىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆي – زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشى لازىم. ئۆي – زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بۇنىڭغا دەخلى – تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئۆي – زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۆي – زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆي – زېمىنىنى باشقىلارغا سېتىشىنى، ھەدىيە قىلىشىنى ياكى باشقا قانۇنىي ئۇسۇللار بىلەن بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹شەھەر ئۆي – زېمىننى باشقۇرۇش قانۇنى››نىڭ 38 – ماددىسىدا تۆۋەندىكى ئۆي – زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن:
(1) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئاساسىدا ئېرىشكەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 39 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغانلار؛
(2) قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان ۋە مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشى، قارار قىلىشى بىلەن ئۆي – زېمىن پېچەتلەنگەن ياكى ئۆي – زېمىن ھوقۇقىغا باشقا ئۇسۇلدا چەك قويۇلغانلار؛
(3) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنغانلار؛
(4) ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆي – زېمىندىن باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىرى؛
(5) ھوقۇق تەۋەلىكى تالاش – تارتىشتا قالغانلار؛
(6) ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە تىزىملىتىلمىغانلار؛
(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
بۇخەلچەم مەتتۇرسۇن تەييارلىغان