پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 197|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سادىر قىلىشتىن ئەڭ قورقىدىغان 10 چوڭ خاتالىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سادىر قىلىشتىن ئەڭ قورقىدىغان 10 چوڭ خاتالىق

كىرىش سۆز: Tarek Kamil بىر ئۈزلۈكسىز ئىگىلىك تىكلىگۈچى. ئۇ ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنى قۇرغان، شۇنداقلا كۆپلىگەن شىركەتلەرنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە مەسلىھەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ كۆپ يىللىق تەجرىبىسىگە ئاساسەن بۇ يازمىدا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاسان سادىر قىلىدىغان، سادىر قىلىشتىن ئەڭ قورقىدىغان 10 چوڭ خاتالىقنى خۇلاسىلەپ چىقتى. بۇنىڭ كەڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچى دوستلارغا ياردىمى بولۇشىى ئۈمىد قىلىمىز. ھەر يىلى زور تۈركۈمدىكى شىركەتلەر ۋەيران بولىدۇ، ئەمما شىركەتنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ئاساسەن بىرقانچىلا. مەن ھەر ھەپتىدە 3-4 نەپەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىمەن، ئۇلارنىڭ مەندىن سورايدىغان سوئاللىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش. كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئوخشاش ئورۇندا يىقىلىپ، ئوخشاش بىر ئورىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇلار باشقا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سادىر قىلغان ئوخشاش خاتالىقتىن ساقلانسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە ئاشقان بولاتتى.مەن بىلەن ئوخشاش قاراشتىكىلەر ناھايىتى كۆپ. كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلغۇچىلار، خەتەرگە مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئۈزلۈكسىز ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆۋەندىكىسى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاسان سادىر قىلىدىغان 10 چوڭ خاتالىق.
       1.ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق كەمچىل بولۇش ئەگەر ئالدىنئالا تەييارلىق ۋە مەشىق بولمىسا، ھېچكىم مارافونچە يۈگۈرۈپ بولالمايدۇ. ئىگىلىك تىكلەشمۇ ئوخشاش. ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن بىر قىسىم بەدەن قىزىتىش مەشىقىنى ئىشلەش لازىم، مەسىلەن: خىزمەت-دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، يېمەكلىككە دىققەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار. سىز تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا بولغان تەييارلىقنى پۇختا قىلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئىگىلىك تىكلىگەن ھامان ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى ئىگىلىۋالىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئائىلىڭىزدىكىلەر، دوستلىرىڭىز سىز ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنمىسە ياكى سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭىزنى قوللىمىسا، بۇ سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە زېھنىڭىزنى بۆلۈۋېتىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە پۈتۈن زېھنىڭىزنى بېرەلمەيسىز. سىز ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرى ئۇلار بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك. ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرى، بۇ تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى چوقۇم ياخشى ئىشلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى بۇ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىرتەرەپ قىلمىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭىزگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
       2. بىر مەھسۇلات بىلەن بىر كارخانىنىڭ كەسپىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ ئۈزلۈكسىز ئىگىلىك تىكلىگەن Eric Holtzclaw مۇنداق دېگەن: بۈگۈنكىدەك ئەمەلىي تەدبىقلاش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان دەۋردە بىر مەھسۇلات شەخسنىڭ يەككە ھالدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، ئەمما بىر ھەقىقىي كارخانا كەسپى بولسا خېرىدارلار تەكرار كېلىپ سېتىۋالىدىغان نەرسىدىن ئىبارەت. مەھسۇلات بىلەن كارخانا كەسپىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ سىزنىڭ ئىستېمالچىلار تۇنجى قېتىم مەھسۇلات سېتىۋالغاندىن ۋاقىتتىكى كىرىمىڭىزدىن باشقا، يەنە يوشۇرۇن كىرىمىڭىز بارمۇ؟ بۇ مەبلەغ سالغۇچىلار ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مۇھىم نۇقتا. مەبلەغ سالغۇچىلار سىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىشنى ئويلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار سىزدىكى ھازىر بار بولغان نەرسىنى جەزىملەشتۈرگەندىن باشقا، سىزنىڭ يەنە ئۇلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدىغان قانداق نەرسە بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىشنى خالايدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ تېخنىكىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشنى خالامسىز؟ بۇ كەسىپ كەلگۈسى 3-5 يىلدا قانداق تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلەيدۇ؟ بۇلار مەبلەغ سالغۇچىلار ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، سىزمۇ بۇ مەسىلىلەر ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي كەسپىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىق  بىلەلەيسىز.
        3. ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىشقا پۇل خەجلەشكە قىيماسلىق سىز شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھەممىنى بىلىپ كېتىشىڭىز ناتايىن، ھەممە ئادەمنىڭ يېتەرسىزلىكى بولىدۇ. شىركەتنىڭ تۈرلۈك ئوخشىمىغان خىزمەتلىرىنى كەسپىي ئادەملەر قىلىشى كېرەك، مالىيە ۋە قانۇن جەھەتتىكى خىزمەت تېخىمۇ شۇنداق. قاتتىق دېتال شىركىتىدىكى COO Greg Rau مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئىقتىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە سېلىنما جەھەتتىكى ئىشلار مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىنمىسا، بۇ شىركەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىدۇ. كەسپىي بىلىم تەلەپ قىلىدىغان نۇرغۇن خىزمەتلەرنى دائىم ئۆزۈم قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە توردىن ئۆگىنىش ئارقىلىق تاماملايمەن دەپ ئويلىۋالماڭ. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز بۇ جەھەتتىكى كەسپىي ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ئىشلارنى قىلدۇرۇش، ئۇلار ئالاقىدار خىزمەتلەرگە سىزدىنمۇ ماھىر. مىسال ئالساق، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى بەلگىلىمىلەرنى يازغان ۋاقىتتا ئەگەر كەسپىي ئادەملەر سىزنىڭ مەبلەغ سېلىش بەلگىلىمىلىرى تىزىملىكىدىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇشىڭىزغا ياردەم بەرمىسە، ناۋادا شىركەتنى سېتىۋەتسىز سىز بەلكىم ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
         4. سانلىق مەلۇماتنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قاراش. تور ئاياللىرى بىلوگى BlogHer ;نىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى Lisa Stone مۇنداق دېگەن: سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانمىغان خىيالىي تەپەككۇر ھەرقانداق بىر شىركەتنى ۋەيران قىلىدۇ. سىز ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ تۇرۇپلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايسىز، سىز بىرقىسىم ھالقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان ياكى قازىنالمايدىغانلىقىڭىزغا ھۆكۈم قىلىشىڭىز كېرەك. بىرقىسىم سانلىق مەلۇماتلار ياكى ھالقىلىق كۆرسەتكۈچلەر سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيەرىڭىزنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى دەللىلەپ بېرىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ بولغاندىن كېيىن، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ھالقىلىق ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى (KPI) نى قۇرالايسىز  ياكى ئابىدە خاراكتېرلىك سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق شىركىتىڭىزنىڭ كەسىپلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىيالايسىز.  نىڭ بۇ جەھەتتە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشى بار. BlogHer  تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە سىلەر يېتەرلىك ساندىكى ئايال ئەزالارنى يىغىپ يىللىق يىغىنىڭلارغا قاتناشتۇرالمايسىلەر دېگەن. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى كىچىك سىناق يىغىنى ئارقىلىق توپلىغان سانلىق مەلۇماتلار ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشتىكى ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىدى. كېيىن، 300 نەپەر ئايال ئەزا ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان يىللىق يىغىنغا ھەق تۆلەپ قاتناشتى، بۇ قېتىملىق يىللىق يىغىندا ئۇلار 60 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى، بۇ پۇللار كېيىن شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلدى. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش قازىنالماسلىقتا سىز سانلىق مەلۇماتقا قارىشىڭىز كېرەك، بۇ بىر ناھايىتى ياخشى بىر مىسال.
       5. زىيادە تېز كېڭەيتىۋېتىش. Startup Genome ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان %74 ئىنتېرنېت تورى شىركىتى زىيادە تېز كېڭەيگەنلىكى ئۈچۈن مەغلۇب بولغان. Mucker Capital مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى قوشۇمچە باشقۇرغۇچى شېرىكى Erik Rannala مۇنداق دېگەن:«بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ. كۆپلىگەن شىركەتلەر پۇل بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، مەبلەغ يېتەرلىكتەك ھېس قىلىپ، قارىغۇلارچە پۇل ئىشلىتىشكە باشلاپ، نۇرغۇن پۇلنى خاتا ئورۇنغا ئىشلىتىدۇ. ئۇلار پۇلنى بەك تېز خەجلىۋەتكەنلىكىنى شۇنداقلا ھېچقانداق رولى بولمىغانلىقىنى بايقىغان ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن كېچىككەن بولىدۇ.» ئۇلار پۇلنى قەيەرلەرگە ئىشلەتتى؟ نۇرغۇن ئورۇنلارغا ئىشلەتتى، بازار ماركىتېڭى خىراجىتىدىن تېز سۈرئەتتە زور تۈركۈمدە خادىم قوبۇل قىلىشقىچە ھەممىسىگە كۆپلەپ پۇل خەجلىدى. زور تۈركۈمدىكى مەبلەغ شىركەتنىڭ كەسپىگە ماھىيەتلىك ياردەم بېرەلمەيدىغان نۇرغۇن قالايمىقان ئىشلارغا سەرپ قىلىندى. سىز پۇل خەجلىگەن ۋاقىتتا ئالدى بىلەن شىركەت ھېساباتىدا يېتەرلىك مەبلەغ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز ياكى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر شىركەتنىڭ كەسپىلىرىدە ھېچقانداق ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل بولماي تۇرۇپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتسىڭىز، ئۇ ھالدا كېيىنكى قەدەمدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىڭىز بەكلا تەسكە توختايدۇ.  
       6.خاتا ئىدىيەدە بولۇش : سىز چوقۇم بەزىدە تاغقا خاتا چىقىپ قالىدىغانلىقىڭىزنى، بەزىدە مەڭگۈ ئۈسەلمەيدىغان تامغا ئۈسۈپ سالىدىغانلىقىڭىزنى تونۇپ يېتىشىڭىز، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا سىز تامغا ئۈسۈۋالسىڭىزمۇ پەيلىڭىزدىن يانمايدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالماسلىقىڭىز كېرەك. تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەنلەر بىلەن ئۆزىگە ناتونۇش بولغان بازاردا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بۇ خاتالىقنى ناھايىتى ئاسانلا سادىر قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپتىكى ئىگىلىك تىكلەش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇ قاراشنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ۋاقتىدا تونۇپ يەتمەيدۇ. زىيادە جاھىل بولماسلىق، ھەممە ئىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش كېرەك، ئىسپات بىلەن  گەپ قىلىشىڭىز، مەھسۇلاتىڭىزنىڭ بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى دەلىللىشىڭىز كېرەك. سىز قايسى خىل تەدبىرنىڭ خېرىدارنى جەلب قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، سىز يەنە خېرىدارغا ئېرىشىش تەننەرخىنى ئىز قوغلاپ ھېسابلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قانداق تەڭشەشلەر ئارقىلىق خېرىدارغا ئېرىشىش تەننەرخىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئىستېمال تىپىدىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە نىسبەتەن خېرىدارغا ئېرىشىشتىكى بازارنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدىن بەش-ئالتىسى بار. بۇ ئۇسۇللارنى سىز يېرىم يىل ھەتتا بىر يىل سىناپ كۆرگەندىن كېيىن يەنىلا ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىسا، بۇ شىركىتىڭىزنىڭ كەسپىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
         7. ھوقۇق بېرىش ۋە ھوقۇقنى قويۇۋېتىشنى بىلمەسلىك. شىركەت قۇرغۇچىلىرى ئەڭ ئاسان سادىر قىلىدىغان باشقۇرۇش جەھەتتىكى خاتالىق بولسا: ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىشنى ئويلاش، ھەممە ئىشقا ئۆزى كىرىشىش، ھوقۇق بېرىش ۋە ھوقۇقنى قويۇۋېتىشنى بىلمەسلىك. ئەينى ۋاقىتتا، بۇ خىل ئەھۋالنى توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. كۆپ قىسىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىستېراتېگىيەلىك نەزەر بار بولۇپ، ئۇلار شىركىتىنىڭ كۆپلىگەن ئىنچىكە خىزمەتلىرىنىڭ تاماملىنىش تاماملانماسلىقىدىن زىيادە ئەندىشە قىلىشنى خالىمايدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھوقۇق بېرىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. دەسلىپىدە، سىز بىر يۈرۈش خىزمەت تەرتىپىنى تۈزۈپ چىقىپ، كۆپچىلىككە ئىشلارنى قانداق قىلىپ توغرا ئۇسۇلدا قىلىشنى ئېيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. بۇ تەرتىپ بولسا سىز ھوقۇقنى قويۇۋېتىش سەۋەبىدىن بىئاراملىق ھېس قىلمايسىز، شىركەت خادىملىرىمۇ ئىش قىلىشتا رېئايە قىلىدىغان تۈزۈمگە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنداق قىلماي، ھەممە ئىشنى ئۆزىڭىز قىلماقچى بولسىڭىز ئۇ ھالدا سىز كۆپىنچە ۋاقىتتا  ;ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەي ئالدىراپ تېخىمۇ كۆپ خادىم قوبۇل قىلىسىز، بۇ ۋاقىتتا يەنە باشقىلارغا ھوقۇق بېرىپ، خىزمەتنى ئۇلارغا بۆلۈپ بېرىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز بۇ خىل ھالەتتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايسىز. شۇڭا، چوقۇم ھوقۇق بېرىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.
          8. پۇل ھەممىنى ھەل قىلالايدۇ دەپ قاراش جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە تىرىشىۋاتقان كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر پەقەت كېيىنكى نۆۋەتلىك مەبلەغكە ئېرىشسەملا ھەممە مەسىلە ھەل بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما پۇل ئۇنچە كۆپ ئىقتىدارلىق ئەمەس، ھەممە مەسىلىنى پۇل ئارقىلىق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى Kellogg باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپى پىروفېسسورى قوشۇمچە Pritzker Group Venture Capital خەتەرگە مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ شېرىكى Carter Cast «پۇل شىركەتنىڭ سودا ئەندىزىسىدە ساقلانغان تۈپ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ سودا ئەندىزىڭىزدە مەسىلە بولسا، ئۇنىڭغا قانچە كۆپ پۇل سەرپ قىلسىڭىزمۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايسىز. سىز ئاۋۋال بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئاندىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئەكسىچە قىلسىڭىز، قىيىنچىلىققا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ قالىسىز.
           9. سېتىشقا كېرەكلىك ۋاقىتنى تۆۋەن مۆلچەرلەش سېتىشقا ۋاقىت كېتىدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بۇ نۇقتىنى چوقۇم تونۇپ يېتىشى كېرەك. كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىر چوڭ خېرىدارنى قولغا كەلتۈرۈشكە 3-6 ئاي ۋاقىت بولسىلا كۇپايە دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا ئادەتتە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر سىز سودا پىلانىڭىزدا سېتىشقا كېرەكلىك ۋاقىتنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويسىڭىز، ئۇ ھالدا چوقۇم ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايسىز. بىر قېتىملىق سېتىش پائالىيىتدە نۇرغۇن تەرتىپلەرنى مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر قېتىملىق سېتىش ۋەزىپىسىنى   تاماملاشتا كارخانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باشقۇرۇش قاتلىمى، بىۋاستە دىرېكتورى، تېخنىك خادىمى، مەھسۇلات دىرېكتورى قاتارلىقلارنىڭ بىرمۇ بىر تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كۆزىتىشتىن قارارغىچە، ئۇنىڭدىن ئىجرا قىلغۇچە بولغان بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرۈش كېرەك. مەن نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ سېتىشقا كېرەكلىك ۋاقىت دەۋرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ، مەبلەغ زەنجىرىدە ئۈزۈلۈش پەيدا قىلىپ قويغانلىقىنى بايقىدىم.  
           10. مەغلۇب بولۇشتىن قورقۇش تېز سۈرئەتتە مەغلۇب بولۇش نۆۋەتتە ئىگىلىك تىكلەش چەمبىرىكىدە ئەڭ مودا بولغان سۆز ھېسابلىنىدۇ. ئەمما Tarek Kamil بۇ خىل قاراشنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەغلۇبىيەتنى قانداق پەردازلاپ كۆرسەتمىسۇن، ئۇ يەنىلا ئادەمنى قورقۇنۇچقا سالىدىغان سۆز، ھېچكىم مەغلۇب بولۇشنى خالىمايدۇ. بۇ خىل قاراشتا مەسىلە بار، چۈنكى «مەغلۇب بولۇش» سىزنىڭ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇنداق بولمايدۇ. سىز تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. سىز مەغلۇب بولمىدىڭىز، پەقەت بىر قېتىملىق سىناقنى باشتىن كەچۈردىڭىز، گەرچە ھەر قېتىملىق سىناقتا ئازراق «يارىلانسىڭىز»مۇ، ئەمما  شۇ قېتىملىق سىناقتا ئېرىشكەن تەجرىبە-ساۋاقلار سىزنىڭ كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ بىر ئۆگىنىش جەريانى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش