4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان يېڭى سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەر
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاپرېلدىن باشلاپ يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلەر رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، بۇ يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلەر نىكاھ تىزىملىتىش ھەققى قاتارلىق 41 تۈرلۈك ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى كېنىشكە بېجىرىشنى توختىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ سالاھىيەت يازمىچە ئىمتىھاندىكى پوچۇركىسى ئوخشاش بولمىسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، ئېلىمىزدىكى تۇنجى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى تىجارىتى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ.
ئەتىدىن باشلاپ نىكاھ تىزىملىتىش ھەققى قاتارلىق 41 تۈرلۈك ھەق ئېلىنمايدۇ
مالىيە مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 23-مارت ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2017-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ نىكاھ تىزىملىتىش ھەققى، بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ھەققى، ئۆيلەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق 41 تۈرلۈك مەمۇرىي كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ياكى كېنىشكە بېجىرىش توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماركا تىزىملاش ھەققىنىڭ ئۆلچىمى %50 تۆۋەنلىتىلىدۇ.
كەسپىي دوختۇرلارنى رويخەتكە ئېلىش-باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلۇپ، كۆپ نۇقتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.
دۆلەت سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان «كەسپىي دوختۇرلارنى رويخەتكە ئېلىش باشقۇرۇش چارىسى» 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. چارىدا كەسپىي دوختۇرلۇققا ئالاقىدار ئورۇنلار ئىلگىرىكى بەلگىلىمىدىكى ‹داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرى›دىن ‹داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ياكى ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇنلار› دەپ ئۆزگەرتىلگەن. چارىدا يەنە ئوخشاش كەسپىي دوختۇرلۇق ئورنىدىكى بىرقانچە ئورگاندا دوختۇرلۇق كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوختۇرلار، بىر ئورگاننى ئاساسلىق دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورگان قىلىپ بېكىتىشى، باشقا ئورگانلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قويۇشى كېرەك، كەسپىي دوختۇرلۇق بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئورگانلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
قىسمەن ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندىلارنى تەڭشەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ
مالىيە مىنىستىرلىقى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، شەھەرلەردىكى جامائەت ئىشلىرى قوشۇمچە ۋە يېڭى تام ماتېرىياللىرى مەخسۇس فوندىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى ئېلىش سىياسىتىنى تەڭشەپ، مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلىنى ئالماسلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى يىغىش ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتتى.
كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ سالاھىيەت يازمىچە ئىمتىھاندىكى پوچۇركىسى ئوخشاش بولمىسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېڭىدىن ئېلان قىلغان «كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى سالاھىيەت ئىمتىھانىدا ئىنتىزام بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى» 1-ئاپرېل رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. بەلگىلىمىدە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئوخشاش ئىمتىھان قەغىزىدە بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن ئوخشىشىپ قالسا ھەمدە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگەن مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى شۇنداق ئىكەنلىكىنى بېكىتسە، ئىمتىھان ئالغان ئورگان ياكى ئىمتىھاننى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار شۇ قېتىمقى ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمتىھاننىڭ ئالدى-كەينىدە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ پوچۇركىسى ئوخشاش بولمىسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.
ساتقۇچى تەرەپ كېلىشىمىدە چوقۇم توپ مال تارقىتىش تېز يوللانما بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ
كۈندىلىك تۇرمۇشتا شەخسلەر تېز يوللانما يوللاشتىن سىرت، نۇرغۇن كارخانا، سودا دۇكانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ زور مىقتاردا تېز يوللانما يوللاشقا ئېھتىياجلىق. تېز يوللانما تۈزۈمىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. چارىدا كېلىشىم ئىمزالىغان خېرىدار كۈچكە ئىگە كېنىشكىسىنى كۆرسەتمىسە ياكى تېز يوللانما شىركىتىگە كېنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى قالدۇرۇشنى رەت قىلسا ۋە ياكى كارخانا، خېرىدارلار ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ئاساسلىق تاۋارلارنىڭ تېز يوللاش چەكلەنگەن بۇيۇم ئىكەنلىكى، تېز يوللاشقا ھاۋالە قىلغان بويۇملارغا ئىلگىرى مەمۇرىي ئورگانلار تەرىپىدىن جازا بېرىلگەنلىكى بايقالسا، بىخەتەرلىك كاپالەت كېلىشىمى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاشقا بولمايدۇ.
چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ئىجازەت تۈزۈمى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويۇلىدۇ
1-ئاپرېلدىن باشلاپ «چەتئەللىكلەرنىڭ خىزمەت ئىجازەت ئۇقتۇرۇشى» ۋە «چەتئەللىكلەرنىڭ خىزمەت ئىجازەت كېنىشكىسى» مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويۇلۇپ، چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلمايدۇ. ئۈنۈملۈك مۇددەت ئىچىدە چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازەتنامىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئىختىيار قىلغانلار يېڭى كېنىشكىگە ئالماشتۇرۇۋالسا بولىدۇ. «چەتئەللىكلەرنىڭ خىزمەت ئىجازەت كېنىشكىسى» چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودا خىزمەت قىلىشىدىكى قانۇنلۇق كېنىشكە بولۇپ، «بىر ئادەمگە بىر»، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
ئېلىمىزدىكى تۇنجى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى تىجارىتى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ
«يولۇچىلار ئاپتوبۇسى تىجارىتى بىخەتەرلىك تېخنىكا شەرتى» 1-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. ئۆلچەمدە، «يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كابىنكىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە تاختا ئورناتماسلىق» توغرىسىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، بىر قەۋەتلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى توختىتىش تەلەپ قىلغان. ئۆلچەمدە يەنە تىجارەتكە ئىشلىتىلدىغان يولۇچىلار ئاپتوبوسى ئىچىنى يېنىشقا توسالغۇ بولىدىغان ماتېرىياللار بىلەن بېزەش تەلىپىگە ئاساسەن، تىجارەتكە ئىشلىتىلىدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئىچىگە ساقچىغا مەلۇم قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىش تەلەپ قىلىنغان ھەمدە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان ئىشىك-دېرىزىلەر سانى ئۆلچىمى بەلگىلەنگەن.
مەنبە : نۇر تورى