توقسۇ خەلقىنىڭ چالغۇ ياساش ھۆنەرلىرى
توقسۇ ناھىيەسى قەدىمدە يىپەك يولىدىكى مۇھىم بىر بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك مەدەنىيەت - سەنئەت ئامىللىرى ئۆزئارا ئۇچراشقان ھەم شەكىللەنگەن. چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ھۈنەر–سەنئىتى ئەنە مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئالاھىدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغان قىممەتلىك بايلىقتۇر. سەنئەتخۇمار توقسۇ خەلقى ئۆز مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلار ياساشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. داپ ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.
داپ - سوقما مىللىي چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان، ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە خەلق چالغۇسى. ئۇ دۇمباق تىپىدىن تەرەققىي قىلغان، ئۆزى يۇمىلاق (چەمبەر شەكىللىك) قەدىمىي چالغۇ. ئاۋازى جۇشقۇن، ئۆزى يەڭگىل، ئېلىپ يۈرۈشكە، چېلىشقا ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قول ئالقىنى ۋە بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان، ئويغۇر مۇزىكىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ھېسابلىنىدۇ.
داپنىڭ گەردىشى ئاساسەن ئۈجمە ياكى ياڭاق ياغىچىدا ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى ئات، يىلان، ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدۇ. مەخسۇس يىلان تېرىسى ئىشلىتىلگەنلىرىنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. داپ ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن، چوڭ-كىچىك بولىدۇ. ئادەتتە، گەردىشىنىڭ دىيامېتىرى 20 دىن 60 سانتىمىتېرغىچە، گەردىشىنىڭ قېلىنلىقى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئېگىزلىكى بەش - ئالتە سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. گەردىشى ئىچىگە نۇرغۇنلىغان مىس ۋە تۆمۈردىن ئۇششاق ياسالغان ھالقىلار ئورنىتىلىدۇ. بۇ ھالقىلار مۇزىكا ئۇرۇنلىغاندا ئاجايىپ شىلدىرلاپ، قوشۇمچە ئاۋاز چىقىرىپ بېرىدۇ. داپ ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن، <<چوڭ داپ>>، <<نەغمە دېپى>>، <<مەشرەپ دېپى>>قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
داپ يەنە ئۇيغۇر ئوركىستېرلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم چالغۇ بولۇپ، يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. داپنى يەككە چېلىشقا ھەم باشقا چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقا بۇلىدۇ.
داپ يۇمىلاق شەكىللىك ياغاچتىن ئېگىپ، يۈزىگە تېرە كېرىپ ياسىلىدىغان چالغۇ بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنى يۈزلۈكىگە قوي، ئات، ئېشەك تېرىسىنى كېرىپ ياسىغان، تەدرىجىي ئۇنىڭ نەملىكتىن ياكى سوغۇقتىن ئاۋازى ئاجىزلاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېشەك، ئات، يىلان تېرىسىنى كېرىپ ياساش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان. گەردىشىنى ياساشتا دەسلەپتە قوتور تېرەك (خەلق تىلىدا ھاڭگا تېرەك) ياغىچىنى چەمبەرسىمان ئۇيۇپ ياسىغان. تەدرىجىي ئۈجمە ياكى ياڭاق ياغىچىنى تېخنىكىلىق ھالدا ئېگىپ ئۇلاپ، چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرۈپ ياسىغان ھەم مۇشۇ ئۇسۇل ئومۇملاشقان.
داپنىڭ گەردىشىگە يەنە باشقا سازلارغا ئوخشاش خاس ھالدا ئۇستىخان ياكى سۇلياۋدىن نەپس نەقىش، گۈللەر چىقىرىلىپ، داپنىڭ شەكىل جەھەتتىكى گۈزەللىكى ئاشۇرۇلغان.
داپ- سوقما مىللىي چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان، ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە خەلق چالغۇسى. ئۇ دۇمباق تىپىدىن تەرەققىي قىلغان، ئۆزى يۇمىلاق (چەمبەر شەكىللىك) قەدىمىي چالغۇ. ئاۋازى جۇشقۇن، ئۆزى يەڭگىل، ئېلىپ يۈرۈشكە، چېلىشقا ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قول ئالقىنى ۋە بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان، ئويغۇر مۇزىكىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ھېسابلىنىدۇ.
داپنىڭ گەردىشى ئاساسەن ئۈجمە ياكى ياڭاق ياغىچىدا ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى ئات، يىلان، ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدۇ. مەخسۇس يىلان تېرىسى ئىشلىتىلگەنلىرىنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. داپ ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن، چوڭ-كىچىك بولىدۇ. ئادەتتە، گەردىشىنىڭ دىيامېتىرى 20 دىن 60 سانتىمىتېرغىچە، گەردىشىنىڭ قېلىنلىقى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئېگىزلىكى بەش - ئالتە سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. گەردىشى ئىچىگە نۇرغۇنلىغان مىس ۋە تۆمۈردىن ئۇششاق ياسالغان ھالقىلار ئورنىتىلىدۇ. بۇ ھالقىلار مۇزىكا ئۇرۇنلىغاندا ئاجايىپ شىلدىرلاپ، قوشۇمچە ئاۋاز چىقىرىپ بېرىدۇ. داپ ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن، <<چوڭ داپ>>، <<نەغمە دېپى>>، <<مەشرەپ دېپى>> قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
داپ يەنە ئۇيغۇر ئوركىستېرلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم چالغۇ بولۇپ، يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. داپنى يەككە چېلىشقا ھەم باشقا چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقا بولىدۇ.
داپ يۇمىلاق شەكىللىك ياغاچتىن ئېگىپ، يۈزىگە تېرە كېرىپ ياسىلىدىغان چالغۇ بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنى يۈزلۈكىگە قوي، ئات، ئېشەك تېرىسىنى كېرىپ ياسىغان، تەدرىجىي ئۇنىڭ نەملىكتىن ياكى سوغۇقتىن ئاۋازى ئاجىزلاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېشەك، ئات، يىلان تېرىسىنى كېرىپ ياساش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان. گەردىشىنى ياساشتا دەسلەپتە قوتور تېرەك (خەلق تىلىدا ھاڭگا تېرەك) ياغىچىنى چەمبەرسىمان ئۇيۇپ ياسىغان. تەدرىجىي ئۈجمە ياكى ياڭاق ياغىچىنى تېخنىكىلىق ھالدا ئېگىپ ئۇلاپ، چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرۈپ ياسىغان ھەم مۇشۇ ئۇسۇل ئومۇملاشقان.
داپنىڭ گەردىشىگە يەنە باشقا سازلارغا ئوخشاش خاس ھالدا ئۇستىخان ياكى سۇلياۋدىن نەپس نەقىش، گۈللەر چىقىرىلىپ، داپنىڭ شەكىل جەھەتتىكى گۈزەللىكى ئاشۇرۇلغان.
تەمبۇر - ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ بۇلۇپ، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئىچىدە دەستىسى بىر قەدەر ئۇزۇن چالغۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمى ئوزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر، باش قىسمى يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە (يېرىم نوگايغا ئوخشايدۇ ). ئاساسلىقى ئۈجمە ياغىچىدا ياسىلىدۇ. تەمبۇر ياساشتىمۇ ماتېرىيال تاللاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، خۇددى دۇتارغا ماتېرىيال تاللىغاندەك تەلەپ قويۇلىدۇ. تەمبۇر بەش تارىلىق چالغۇ بولۇپ (بەش تال پولات سىم تار قىلىپ سېلىندۇ). ئاۋازى ئاجايىپ مۇڭلۇق، ئەكس سادالىق، يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگە چالغۇدۇر. تەمبۇر كۆپىنچە <<مۇقام>> ۋە مەشرەپلەردە يالغۇز ياكى باشقا چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىنىدۇ، يەنە تەمبۇرنى چالغۇچى ئۆزى چېلىپ ئۆزى ناخشا ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ.
تەمبۇر بارماق بىلەن چېكىپ چالىدىغان چالغۇ بولۇپ، سىرتقى شەكلى، دەستىسى ئۇزۇن يېرىم نوگايغا ئوخشايدۇ. ئۈجمە، ياڭاق ياغىچىدا ياساشقا بولىدۇ. بېشىنىڭ ئىچكى قىسمى ئۇيۇپ ياكى ياغاچ تالالاردىن يەملەپ، يۈزىگە ئاۋاز ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى بولغان، يەنى ئۈجمە ياغىچىنىڭ يۈرەك قىسىمىدىن سەل يىراق بولغان ياغاچتىن يۈزلۈك تەييارلاپ، چۆمۈچ شەكىللىك يۈزىگە يەملەپ ياسىلىدۇ. باش قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 45 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 17 سانتىمېتىر، باش بىلەن ساپ قىسمى تۇتاشتۇرۇلىدىغان بۆلىكى ۋورۇنكا شەكلىدە بولىدۇ. تەمبۇر بېشىنىڭ يۈز قىسمىغا بىر دانە خارەك (بۇلبۇلەك) ئورنىتىلىدۇ. ساپ قىسمىغا 33 دانە پەدە ئورنىتىلىدۇ. ساپنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا يەنە بىر دانە خارەك، بەش دانە قۇلاق ئورنىتىلىدۇ. ئاندىن دۇتارغا ئوخشاش ناھايىتى نەپىس گۈللەر بىلەن بېزىلىدۇ ۋە سىلىقلاپ سىرلىنىدۇ ھەمدە بەش تال پولات سىم تار سېلىنىدۇ. ئاستىنقى بىر جۈپ تارىسى مېلودىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، قالدى ئۈچ تال تارىسى قوشۇمچە ئاۋاز، يەنى ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. تەمبۇرمۇ دۇتارغا ئوخشاش كەڭ ئىستېمالغا ئىگە.
ساتار - كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، گەۋدىسى بىر ئاز ئۇزۇن، بېشى يېرىم يۇمىلاق بولۇپ، ئۈجمە ياكى ئۆرۈك ياغىچىدا ياسىلىدۇ. ماتېرىيال تاللاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دۇتارغا ماتېرىيال تاللاش بىلەن ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ. ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ مىللىي ئوركىستېردىكى مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 12 دانە تارىسى بولىدۇ، ساپ قىسمىغا 18 پەدە ئورنىتىلىدۇ. ئۇ مۇقام ئورۇنلاشتىكى ئاساسلىق چالغۇ بولۇپ، مۇقام ۋە مەشرەپلەردە مۇقەددىمە قىسىمىنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى باشلامچى چالغۇ دېيىشكە بولىدۇ. ساتارنىڭ ئەسلى نامى (ئىسىمى) <<سەرتار>> بولۇپ، <<باشلامچى چالغۇ>> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ. ساتارنى يەككە چېلىشقىمۇ، باشقا ساز بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقىمۇ ھەم ئۆزى ناخشا ئېيتىپ ئۆزى چېلىشقىمۇ بولىدۇ.
ساتارنى ياساش تەمبۇرغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ ئاۋاز (سادا) قايتۇرۇش، باش، ساپ، كامالچە، بۇلبۇلەك (خارەك)، ئاساسىي تار قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. باش قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 47 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۈقمە ياغىچىدا ياسىلىدۇ. باش قىسمىنى ياساشتا ئالدى بىلەن بىر دانە ئۈجمە ياغىچىنى ئۆلچەم بويىچە يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە تەييارلاپ، ئاندىن يۈز قىسىمىدىن باشلاپ ئۇيۇپ، چۆمۈچكە ئوخشاش تەييارلاپ، يۈزىگە ئاۋاز ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئۈجمە ياغىچىدىن يۈزلۈك تەييارلاپ، يۇمىلاق شەكىللىك يۈزىگە يەملىنىدۇ. ساپ قىسمى بىلەن باش قىسمى تۇتاشتۇرۇلىدىغان بۆلىكى ۋورۇنكا شەكىلدە تەييارلىنىدۇ، ئاندىن ساپ قىسمى ئۇزۇنلۇقى ۋە توملۇقى ماسلاشتۇرۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. باش قىسمىنىڭ يۈزىگە <
> شەكىللىك بىر دانە بۇلبۇلەك (ياكى خارەك) ئورنىتىلىدۇ. ساپ قىسىمىنىڭ يۈزىگە 18 دانە پەدە قويۇلىدۇ ۋە ساپ قىسىمىغا 12 دانە ئايرىم-ئايرىم ھەربىر تار ئۈچۈن بىردىن خارەك ئورنىتىلىدۇ ھەم ساپنىڭ سول يان تەرەپكە تەلەپ بويىچە ھەر بىر تار ئۈچۈن بىردىن قۇلاق تەرتىپلىك ئورنىتىلىدۇ. ساتارنىڭ بىرىنچى سىمى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار بولۇپ، ئاساسىي مېلودىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى كامالچە ئاساسلىق سۈركەپ چېلىنىدۇ. قالدى تارلىرى بولسا ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ساتارنىڭ ساپ قىسمىنىڭ يۈزى، ئارقىسى، يان تەرەپلىرى ۋە باش، بوغۇز قىسمىنىڭ ئارقا، يان، بويۇن قىسمىغا ئۇستىخاندىن ياكى بىرىكمە سۇلياۋدىن ئۆزگىچە نەپىس گۈللەر قويۇلىدۇ. شۇڭا ئۇ خاس مىللىي چالغۇ بولۇپلا قالماي بەلكى، نەپس ئىشلەنگەن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىدۇر.