پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دۆلەتتىن 100مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش قەرزى بېرىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
يېزا ئىگىلىكىدە ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولۇپ،سالىدىغان مەبلەغ بولمىسا قانداق قىلىسىز؟ھېچ ۋەقەسى يوق!دۆلەتتىن سىزگە 100مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش قەرزى بېرىدۇ،ئۆسۈمىنى تۇلۇقلىما قىلىپ بىرىدۇ.
‹‹گوۋۇيۇەننىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىرى››نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن،يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100يۈەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.قەرىزنىڭ ئاساسىي ئۆسۈمى ئاساسىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %3 ئۆسۈمنى ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن تۇلۇقلىما قىلىپ بىرىدۇ.

ئۇنداقتا ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى قانداق ئالىمىز؟
شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قەرىز ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ يەردىكى كەنىت(ئىجتىمائىي رايۇن)غا قەرىز ئېلىش ئىلتىماسى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتىريالنى تاپشۇرىدۇ،ئاندىن كىيىن دەرىجىمۇ-دەرىجە كەنىت(ئىجتىمائىي رايۇن)،شۇ يەردىكى يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت(كوچا ئىش بېجىرىش ئورنى)،ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلار ئىجتىمائىي كاپالەت ئورگىنى،كېپىل بولغۇچى ئورۇن ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن،كېپىل بولغۇچى ئورۇن كېپىل بولۇشقا ۋەدىنامە تەمىنلەيدۇ،ئۇنىڭدىن كىيىن پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش،تەستىقلاش تەلىپى ۋە كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن قەرىز رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بىرىدۇ،ئاندىن كىيىن مالىيە تارماقلىرى ئۆسۈمىنى تۇلۇقلىما قىلىپ بىرىدۇ.

يېزائىگىلىك قەرزى بېجىرىش قىيىنمۇ؟
ئۇ سىزنىڭ دۆلەتنىڭ يېزائىگىلىك قەرزى سىياسىتىنى چۈشەنمەسلىكىڭىزدە!
2016-يىلى،دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى،ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى،تېرىقچىلىق-باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى،يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىق يېڭى شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاپىراتلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇرسىتى يېتىپ كەلدى.
بۇ يىل 2-ئايدا دۆلەت «2016-يىللىق يېزا پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ھۆججىتى»نى تارقاتقان بولۇپ،ھەر قايسى بانكىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش،يېزا ئىگىلىك ئوبروت ئەسلىھەسى ۋە بازار قۇرۇش،ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كەنىت ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ قوللاش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ،دېھقانلار ھەمكارلىق كوپراتىپى،ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى،دېھقانچىلىق كارخانىسى قاتارلىق يېڭى شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاپراتلىرىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىدۇ.


تۆۋەندىكىلەردىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان قەرىز تۈرىدىن ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ:

يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى رەنە قەرزى
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپراتىپى قاتارلىق يېڭى شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاپىراتلىرى يەر ئىشلىتىش كېنىشكىسىنى بانكىغا رەنىگە قۇيۇش ئارقىلىق،بانكىدىن مەلۇم نىسبەتتىكى قەرىزگە ئېرىشەلەيدۇ.
ئورمان ھوقۇقى كېنىشكىسىنى رەنىگە قۇيۇپ قەرىز ئېلىش
يېڭى شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاپىراتلىرى ئورمان ھوقۇقى كېنىشكىسىنى رەنىگە قۇيۇپ قەرىز ئالالايدۇ.دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىدە:قەرىز سوممىسى 300مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا(300مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)،مەلۇم نىسبەتتە مۈلۈك باھالاش ھەققى ئېلىنىدۇ.ئەگەر قەرىز سوممىسى 300مىڭ يۈەنگە يەتمىسە مۈلۈك باھالاش ھەققى ئېلىنمايدۇ،دەپ بەلگىلەنگەن.
باقمىچىلىق قەرزى
ئەڭ يېڭى يېزا پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى سىياسىتىنىڭ تەلىپىدە،ئائىلىدىكى مال-چارۋا ۋە ئۇچار قۇشلارنى،شۇنداقلا يەنە باقمىچىلىق قىلىدىغان يەر سۇ يۈزىنى رەنىگە قويۇپ قەرىز ئالسا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلدى.
دېھقانلار تۇرالغۇ ئۆي مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قۇيۇپ قەرىز ئېلىش
دېھقانلار تۇرالغۇ ئۆي مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قۇيۇپ قەرىز ئېلىش كەسپى بولسا دېھقانلارنىڭ كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرگە سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆيىنى بانكا تارماقلىرىغا رەنىگە قۇيۇپ شەخسى قەرىز ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىدىغان قەرىز كەسپىدىن ئىبارەت.نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن رايۇنلىرىدا كەڭ كۆلەمدە سىناق قىلىنىۋاتىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش