پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 27|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئامازون تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تېز يوللانمىنى ئۇتۇ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ئامازون تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تېز يوللانمىنى ئۇتۇقلۇق يەتكۈزدى


20170325112428264.jpg (104.48 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2017-4-1 13:34 چىقىرىش


Cnbeta تورى 25-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
23-مارت Amazon Prime Air ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا پوسۇلكا يەتكۈزۈشنى تاماملىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ بوشلۇقتا تېز يەتكۈزۈشنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. تور سودىسى ماگناتى نەچچە يىل بۇرۇنلا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتىدا ئىشلىتىشنى سىناق قىلىشقا باشلىغان، لېكىن ئامېرىكا يەرلىك قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن سىناقنىڭ ھەممىسىنى كانادادا قىلىشقا مەجبۇر بولغان، يېقىندا FCC ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ سودىغا ئىشلىتىشكە بولغان تەلەپنى بوشاتقان.
20-مارت كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ Palm springsدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامازون رىياسەتچىلىك قىلغان MARS 2017 يىغىندا ئامازون ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 7 قۇتا ئاپتاپتىن ساقلاش مېيىنى توشۇغانلىقى، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 4 قاداق (تەخمىنەن 1.81 كىلوگىرام) ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. پۈتكۈل ئۇچقۇدا تېز يەتكۈزۈش جەريانى Palm springs خەلقئارا ئايرودرومى كونترول قىلىدىغان بوشلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان.
2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى چىنە زىياپىتىدە ئامازوننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چىنە مۇسابىقىسى تېلېۋىزىيە ئېلانىدا قويۇلغان ئېلانىمۇ ئۇنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى كىشىلەرنىڭ مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلاندۇرغان. ئامازوننىڭ 10 سېكونتلۇق ئېلانىدا بىر ئايال يېنىدىكى ئامازوننىڭ ئەقلىي ئاۋاز ياڭراتقۇسى Echoغا: «Alexa، مەن يەنە Doritos (قوناق قوتۇرمىچى) سېتىۋالىمەن، Prime Air ئەكېلىپ بېرىدۇ» دېگەن. ئاندىن Echoنىڭ ئىچىدىكى ئاۋازلىق ياردەمچى Alexa جاۋاب بەرگەن: «بولىدۇ، سېتىۋالساملا ئەكېلىپ بېرىدۇ.»
ئارقىدىنلا كۆرۈنۈش دېرىزە سىرتىغا يۆتكەلگەن. ئۇ يەردە دەل بىر دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بار بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئامازوننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى مال ئەكەلدى دەپ ئويلىغاندا ۋىدىيونىڭ ئاستىدا بىر بايانات ئەسكەرتمىسىنى كۆرگەن، ئۇنىڭدا ئامازوننىڭ Prime Air ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدا مال يەتكۈزۈشى ھازىر تېخى ئامېرىكا رايونىدا ئېچىلمىدى دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن سوئاللار پەيدا بولدى، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مال يەتكۈزۈش ئېلانى دەل ئالتۇن ئېلان ۋاقتىدا قويۇلدى، ھەقىقىي تىجارەت باشلايدىغان ۋاقتى زادى قاچان؟ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى بىخەتەرلىك ئامىلى سەۋەبلىك گۇگول، ئامازون قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا يىراق ئارىلىققا توشۇشىغا يول قويمىغان، شۇڭا ئامازون دوستانە بولغان ئەنگلىيەدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مال يەتكۈزۈشىنى سىناق قىلدى ھەم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش