پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 155|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

2016- يىللىق داۋالىنىش ئىسلاھاتى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
2016- يىللىق داۋالىنىش ئىسلاھاتى توغرىسىدا


گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئالدىنقى كۈنى «داۋالاش-دورا-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى 2016-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. چوڭقۇر ۋە قىيىن مەزگىلگە كىرگەن داۋالاش ئىسلاھاتىدا بۇ يىل قانداق كۈچلۈك تەدبىرل
  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئالدىنقى كۈنى «داۋالاش-دورا-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى 2016-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. چوڭقۇر ۋە قىيىن مەزگىلگە كىرگەن داۋالاش ئىسلاھاتىدا بۇ يىل قانداق كۈچلۈك تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ؟ داۋالىنىشتىكى قايسى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ؟
 گوۋۇيۈەن داۋالاش ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى ۋە مۇتەخەسسىسلەر تۆت چوڭ يارقىن نۇقتىنى يېشىپ بەردى.
  كېسەل كۆرسىتىش: دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىنى بېقىش مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟ قايسى دوختۇرخانىلار ئەمدى دورا سېتىشقا تايىنىپ پۇل تاپمايدۇ؟ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا تەكشۈرۈش كۆپ، دورا ھەققى قىممەت بولۇش پۇقرالار كېسەل كۆرسەتكەندە بېشى ئەڭ بەك ئاغرىيدىغان مەسىلە ھەم ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى كۈچەپ ھەل قىلىدىغان قىيىن مەسىلە. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن 100ى بار. بېيجىڭنى مىسال قىلساق، بېيجىڭ دوستلۇق دوختۇرخانىسى، چاۋياڭ دوختۇرخانىسى قاتارلىق بەش ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، دورىغا باھا قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇردى ھەم داۋالاش ئىشلىرى مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئۆز ۋاقتىدا تولۇقلىدى. بۇنىڭ بىلەن 2015-يىلى 10-ئايغىچە، كېسەك كۆرسەتكەن بىمارلارنىڭ ھەر قېتىملىق داۋالىنىش چىقىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 54 يۈەن، ھەر قېتىملىق دورا ھەققى 83 يۈەن، كېسەلخانىدا ياتقان بىمارلارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1706 يۈەن چىقىمى ئازايدى.
 بۇ يىل، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭىدىن ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان شەھەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن 100ى كۆپەيتىلىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن شەھەرلەردىكى بارلىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى دورا قوشۇلما ھەققىنى بىكار قىلىدۇ (جۇڭيى دورىلىرى ئىچىملىكىدىن باشقا). بۇنىڭدىن باشقا، يەنە دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قارىمىقىدىكى 10 دوختۇرخانا تەۋە جايدىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئارمىيە دوختۇرخانىلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار قۇرغان دوختۇرخانىلار بۇ ئىسلاھاتقا قاتنىشىدۇ.
 دورا سېتىۋېلىش: دورا باھاسى تۆۋەنلەمدۇ؟ بىمارلار نەدىلا بولسۇن دورا ئېلىشنى ئەركىن تاللىيالامدۇ؟
 زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 20 نەچچە يۈەنلىك بىر قاپ دورىنىڭ دوختۇرخانىدىكى سېتىلىش باھاسى 180 نەچچە يۈەن بولغان. دورا باھاسىنى يالغاندىن ئۆرلىتىۋېتىدىغان بۇنداق ئەھۋاللار ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇد. كەسپىي ساھەدىكىلەر %90تىن يۇقىرى دورىلارنىڭ باھا چۈشۈرۈش بوشلۇقى بارلىقىنى كۆرسەتتى. باھا دورىلارنىڭ ئوبوروت ھالقىلىرىدا قاتلاممۇ-قاتلام ئۆرلەپ، بىمارلارنىڭ نەچچە ھەسسە، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە باھا بىلەن دوختۇرخانىدىن دورا سېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
 بۇ خىل ھالەتكە قارىتا، 2016-يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسىدە، دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنى تەكشۈرگىلى بولۇش مىخانىزمىنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن ئوبوروت قىلىنىش ۋە داۋالاش ئورگانلىرىغا يېتىپ بارغىچە، ھەربىرىدە بىر تالون كېسىشتەك «ئىككى تالون تۈزۈمى» يولغا قويۇلۇپ، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلار قىسقارتىلىپ، دورا باھاسى چۈشۈرۈلىدۇ. بىمارلار ئۆزى خالاپ دوختۇرخانىدىن سېتىۋالسىمۇ ياكى رېتسىپقا ئاساسەن پارچە سېتىش دۇكىنىغا بېرىپ سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ.
  كېسەل كۆرسىتىش: قاچانلىققا ئائىلە دوختۇرى بار بولىدۇ؟ مەھەللە دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلارنىڭ سەۋىيەسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟  2016-يىلى دەرىجىگە بۆلۈپ داۋالاش %70 ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 200 ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئورۇنلاشقان شەھەرلەردە ئائىلە دوختۇرى ئالدىن كېلىشىپ داۋالىنىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. 2016-يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، شەھەرلەردىكى ئائىلە دوختۇرى ئالدىن كېلىشىپ داۋالىنىش مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %15تىن ئاشۇرۇلىدۇ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئالدىن كېلىشىپ داۋالىنىش مۇلازىمەت نىسبىتى %30تىن ئاشۇرۇلىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل يەنە نۇقتىدا سىناق قىلىشتا ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان ياكى پېنسىيەگە چىققان مەسئۇل دوختۇردىن يۇقىرى داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى ياكى خىزمەتخانىسى تەسىس قىلىشى يولغا قويۇلىدۇ.
 ئاتچوت قىلىش: باشقا جايدا كېسەل كۆرسەتكەندە ئۆز جايىغا قايتماي ئاتچوت قىلدۇرۇشقا بولامدۇ؟ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، كۆپرەك ئاتچوت قىلدۇرۇشقا بولامدۇ؟
  2016-يىللىق داۋالىنىش ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىدە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە تورلىشىشى ۋە باشقا جايدا راسچوت قىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېزلىتىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك باشقا جايدا داۋالىنىپ راسچوت قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىپ راسچوت قىلىش سىستېمىسى بىلەن ئۇلىنىشى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۆلكە ھالقىغان باشقا جايدا تۇرۇشلۇق پېنسىيونېرلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش چىقىمىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2017-يىلىغا بارغاندا، دوختۇرخانا ئالمىشىش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلگەن باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش چىقىمىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلىنىش پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېغىر كېسەللەرنىڭ يۈكى يەڭگىللىتىلىدۇ






كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش