ئۇيغۇر ماركا تورى
تېما:
ئەلى بابا بۇلۇت ھىساپلاشقا دو تىكتى
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
akbarjan
ۋاقىت:
2016-4-5 15:57
تېما:
ئەلى بابا بۇلۇت ھىساپلاشقا دو تىكتى
ئەلى بابا بۇلۇت ھىساپلاشقا دو تىكتى
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 30- ئىيۇل خەۋىرى (ئوكيان تورى تەرجىمىسى): ئەلى بابا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا بۇلۇت ھېسابلاشقا 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، رىقابەتچىسى ئامازوننىڭ بۇ ساھەسىدە ھەسسىلەپ ئېشىشىنى دورايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەلى بابا گۇرۇھى جۇڭگو بازىرىدىكى بارماق بىلەن سانىغۇدەك بۇلۇت ھېسابلاش تەمىنلەش سودىگىرى، قارمىقىدىكى ئەلى بۇلۇتى تەخمىنەن %30 بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن. مەزكۇر شىركەت ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىنى چەتئەلدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈزلەندۈردى، 2015-يىلىنىڭ بېشىدا كىرىمنىي جىلغىسىدا چەتئەلدىكى تۇنجى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى قۇردى، ئاساسلىقى مەزكۇر رايوندا خىزمەت قىلىدىغان ئەلى بابانىڭ خېرىدارلىرىنى قوللايدۇ.
ئەلى بۇلىتىنىڭ بېش لېدىرۇ خۇ شىياۋمىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلۇت ھېسابلاش يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تۈپكى ئاساسىي ئەسلىھەسى بولۇپ قالىدىكەن.
باش ئىشتابى خاڭجۇغا جايلاشقان ئەلى بابا گۇرۇھى ئىزچىل ئامازوننىڭ بۇلۇت ھېسابلاشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى نۇسخىلاشنى ئۈمىد قىلدى. ئامازون يېقىندا جاكارلىشىچە، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر ئامازوننىڭ تور مۇلازىمىتى كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81 ئاشقان بولۇپ، 1 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇلۇت ھېسابلاش تارماقلىرىنىڭ پايدىسى 5 ھەسسە ئاشقان.
خۇش كەپسىز ئۇيغۇر ماركا تورى (/bbs/)
Powered by Discuz! X3.2