جىددىي مالىيە پىلانى تۈزۈشتىكى ئالتە چوڭ قەدەم
تېڭشۈن تورى 29-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
MarketWatchنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى ياكى بىر قېتىملىق جىددىي داۋالىنىش سىزنى نەچچە مىڭ ياكى نەچچە ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قەرزدار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. سىزنىڭ جىددىي مەبلىغىڭىز بولۇشى، لېكىن جىددىي پىلانىڭىز بولماسلىقى مۇمكىن. سىزگە نىسبەتەن مۇشۇنداق پىلان بېكىتىدىغان ۋاقىت بولدى.
مۇۋەپپەقىيەتلىك مالىيە جىددىي پىلانى بولۇشتا مۇھىمى بۇ پىلاندا ئەگەر جىددىي ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز قايسى قەدەم-باسقۇچلارنى قوللىنىشىڭىز كېرەكلىكى يىغىنچاقلىنىشى كېرەك. بۇ ئەگەر راستلا جىددىي ئەھۋال بولسا ئامال قىلىپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەسىلەن مېنىڭچە، ئەڭ چوڭ مالىيە جىددىي ئەھۋالى ئىشسىز قىلىش.
جىددىي پىلانىمدا تۆۋەندىكى ئالتە ئىشنى قىلىمەن:
زۆرۈر بولمىغان بارلىق چىقىملارنى ئازايتىش ياكى بىكار قىلىش
مەن دەرھال تاۋباۋ ھېساباتىمنى ۋە پۈتۈنلەي ئەركىن قارار قىلغىلى بولىدىغان تەكرار تەننەرخنىڭ ھەممىنى بىكار قىلدىم. دەرھال ئازايتىشقا بولمايدىغان مۇلازىمەت، مەسىلەن ئىككى يىل مۆھلەتتىكى كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرىمەن.
خامچوتنى تەڭشەش
جىددىي مەبلەغ قالدۇرۇش كېرەك بولغانلىقتىن ئۆزۈمنىڭ خامچوتىنى تەڭشىشىم، ئۆزۈمنىڭ چىقىمىغا ئېھتىياتچان بولۇشۇم كېرەك.
ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى قانداق ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش
مەن چوقۇم بۇ ئۆلكىنىڭ ئىشسىزلىق ئىشخانىسىدىن ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش تەرتىپىنى چۈشىنىمەن. ھازىر بۇ تەرتىپنى ئاكتىپلىق بىلەن چۈشىنىش پاسسىپ ئەھۋالغا قالغاندا چۈشەنگەندىن كۆپ ئاسان.
ئۆيدىكىلەرگە قانداق دېيىشنى قارار قىلىش.
شەخسىي تەرجىمھالنى يېزىش بولسۇن ياكى مۇھىم خىزمەت ئىزدەش تور بېكىتىنى ئىزدەش بولسۇن بۇنداق پىلانلارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇپ، تاسادىپىي ئېھتىياجغا تەييارلىق قىلىش كېرەك.
خىزمەتتىن توختىغان ۋاقتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئوبدان ئويلىنىش
كۆڭۈلسىز ۋاقىتتا ئاكتىپ پوزىتسىيەنى ساقلاش (بۇ كۆڭۈلسىز كۈنلەر كۆپ ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىن) ئىنتايىن مۇھىم. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا خىزمەتتىن توختىغان ۋاقتىمنى رەڭدار ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىم كېرەك. خىزمەت ئىزدەش مەزگىلىمدە پاسسىپ پوزىتسىيەگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغان تۈر تېپىشىم كېرەك.
قانداق ئىشقا تەييارلىق قىلىشىڭىز كېرەك؟
بۇنداق چوڭ ئىشلار ئائىلىدىكى ئۆلۈم-يېتىم (ئۆزىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قىلىش ياكى خىزمەت ئىقتىدارىڭىزنى يوقىتىش ھەم مۇھىم كاپىتال (مەسىلەن ئۆيىڭىز ياكى ماشىنىڭىز)دىن ئايرىلىپ قالىدىغان چوڭ زىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۆزىڭىزگە ماس جىددىي پىلان تۈزگەندە قەدەم-باسقۇچ تىزىملىكىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەڭ.