بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
1. 16 شەھەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش سىناق نۇقتىسى قىلىندى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ بىۋاسىتە ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»1- ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. تيەنجىن، باۋتۇ، چاڭچۈن، نەنجىڭ، نىڭبو ، مائە ...
1. 16 شەھەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش سىناق نۇقتىسى قىلىندى
«موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ بىۋاسىتە ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»1- ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. تيەنجىن، باۋتۇ، چاڭچۈن، نەنجىڭ، نىڭبو ، مائەنشەن، فۇجۇ، جىئەن، چىڭداۋ، ئەنياڭ، ۋۇخەن، نەننىڭ، چېڭدۇ، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، دالى، باۋجى قاتارلىق 16 شەھەر ( ئوبلاست)دە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ.
2. ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا ئىگىسى ئولتۇرۇشلۇق جايىدا شەخسىي ئىش بىلەن چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
1-ئاپرېلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا ئىگىسى ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش تارمىقىغا ئادەتتىكى پاسپورتنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شياڭگاڭ-ئاۋمېن يول خېتى ۋە (شېنجېندا بىر يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم « شەخسىي ساياھەت قىلىش»دەپ يېزىلغان بۇنىڭ سىرتىدا) دەپ يېزىلغان ھەم تەيۋەنگە بېرىپ-كېلىش يول خېتى ۋە ( تەيۋەنگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقانلار بۇنىڭ سىرتىدا) باشقا ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى شۇ جاي نوپۇسىدا بولغان ئاھالىلەر بىلەن بىردەك بولۇشى لازىم.
3. 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يېڭى بانكا ھېسابات سىستېمىسى يولغا قويۇلدى
شەخسىي بانكا ھېسابات مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، بانكا ھېسابات باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپى بويىچە 1-ئاپرېلدىن باشلاپ بانكا سىستېمىسىدا بىرىنچى تۈردىكى، ئىككىنچى تۈردىكى ۋە ئۈچىنچى تۈردىكى بانكا ھېساباتىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈشنى ھەم بەلگىلىمە بويىچە خەلق پۇلى بانكا راسچوت ھېساباتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا مەلۇم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بانكا پۇل ئامانەت قويغۇچى تور بانكىسى، يان تېلېفون بانكىسى ئارقىلىق مەلۇم ساندىن تۆۋەن بولغان مېمورىيال پېرېۋوت كەسپىنى بېجىرگەندە، رەسمىيەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
4. ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىسى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى « ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىسى ۋە ياردەمچى ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىسى كەسپىي سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن لايىھە، بىر تۇتاش چىقىرىلغان سوئال، بىر تۇتاش تەشكىللىگەن ئىمتىھان تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك كەسپى ئاپاراتى ئىمتىھان خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدۇ ۋە يولغا قويۇشنى تەشكىللەيدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر يىلى بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.