ئۇيغۇر ئىسىملىرىدىكى چىكىت مەسىلىسى ھەل بۇلىدىغان بولدى
دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئۇچۇر سىستېمىلىرىدا ئاممىنىڭ ئىسىم—فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈش چارىسىنى ئېلان قىلدى.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئۇچۇر سىستېمىلىرىدا ئىسىم—فامىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئومۇملاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى
ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ ئىسىم—فامىلە قوللىنىش دائىرىسى كۈنسېرى ئومۇملاشماقتا. ئاممىنىڭ ئىسىملىرىنى توغرا يىغىش مۇلازىمەت سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت، تارىخى ئۇزۇن، ئاممىنىڭ ئىسىم—فامىلە ئادىتى ناھايىتى مۇرەككەپ. بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسىملىرىدا نورمال خەنزۇچە خەتلەردىن سىرت ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىدا بىر ئايرىش بەلگىسى «·» بار، يەنە خەت سانى بىر قەدەر ئۇزۇن. ھەر قايسى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇر سىستېمىلىرىدىكى ئىسىم—فامىلە يىغىش شەكلىنىڭ قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەردىن نورمال بەھرلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىندى:
بىرىنچى، ئىسىم ۋە فامىلە ئارىسىدىكى «·» بەلگىسىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، چوقۇم «·» بەلگىسى ئىشلىتىش كېرەك (بۇ بەلگىنىڭ GB13000 كود نومۇرى 00B7 ۋە GB18030 كود نومۇرى A1A4)
ئىككىنچى، ئۇچۇر سىستېمىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلىرىدە ئىسىم—فامىلە خەت سانى 50 ھەرپ (خەنزۇچە 25 خەت) تىن ئاز بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، ئۇچۇر سىستېمىسى لايىھىلەش خىزمىتى جەريانىدا، دۆلەتنىڭ GB18030 ياكى GB13000 خەنزۇ يېزىقى ئۆلچەملىرىنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.
ھەر قايسى ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلار مەزكۇر قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىشى، يېڭىدىن ئۇچۇر سىستېمىسى لايىھىلەشتە يۇقىرىدا دېيىلگەن دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ئىش كۆرۈشى لازىم؛ مەزكۇر ئۆلچەم تەلىپىگە چۈشمىگەن سىستېمىلار چوقۇم ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىستېمىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئۆلچەمگە يېتىشى كېرەك؛ مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ۋە تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كۆزنەك مۇلازىمىتى بېجىرىدىغان بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملاردىن باشلاپ بارلىق مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەزكۇر چېكىتنىڭ ئىشلىتىش ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى كەسپىي رەھبەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇمشاق دېتال ساھەسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەملىك خەت ئامبىرى قوشۇلغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىشىگە نازارەتچىلىك قىلىشى لازىم.
دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى
مائارىپ مىنىستىرلىكى
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى
ج خ مىنىستىرلىكى
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى
تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرىلىكى
قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىكى
دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى
خەلق بانكىسى
دۆلەت سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى
سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى
2016-يىلى 15-ئاپرېل
دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئورگان ئۈندىدار سالونى
* * * * *
چېكىتنى توغرا كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خەنزۇچە كىرگۈزگۈزلەردە ئىسىم—فامىلە ئارىسىدىكى مەزكۇر «·» چېكىنى قانداق كىرگۈزىمىز؟
1. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ABC كىرگۈزگۈچ، مىكروسوفت پىنيىن كىرگۈزگۈچى، پۈتۈن پىنيىنلىق كىرگۈزگۈچ، بەش بىخۇالىق كىرگۈزگۈچ ۋە جېڭما كىرگۈزگۈچلەردە: Shift+2
2. سوۋگوۋ پىنيىن كىرگۈزگۈچى، گوگۇل پىنيىنلىق كىرگۈزگۈچ، زىگۇاڭ پىنيىنلىق كىرگۈزگۈچ، پىنيىن جياجيا كىرگۈزگۈچلەردە: بىۋاسىتە كونۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى `/~ كونۇپكىسىنى بېسىش (ESC نىڭ ئاستىدىكى `/~ كونۇپكىسى)