پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 183|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك تاپاۋەت بېجىنىڭ %50 تىنى كارخانىلا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

29

يازما

116

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
116
شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك تاپاۋەت بېجىنىڭ %50 تىنى كارخانىلارغا تولۇقلىما قىلىپ بېرىدۇ


ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ يۇڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاپتونوم رايون 7-ئايدا سېلىنما كۆلىمى 20 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولغان توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك سانائىتى تەرەققىياتى مەخسۇس مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،   توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك سانائىتى تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئون تۈرلۈك سىياسەتنى ئېلان قىلغان. ئىقتىساد-ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومېتىتى ئاساسلىق مەسئۇل ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر نەچچە ئايلىق خىزمەتلەرنى ئىنىچكىلەشتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق،كىيىم-كېچەك تاپاۋەت بېجىنىڭ %50 تىنى كارخانىلارغا تولۇقلىما قىلىپ بېرىشنى قارار قىلغان؛ توك باھاسى ھەر كىلوۋات سائىتى 0.35 يۈەنگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئىچكىرىدىكى توقۇمىچىلىققا ئىشلىتىدىغان توك باھاسىنىڭ يېرىمىغا يېقىن ئەرزانلىغان؛ شىمالىي شىنجاڭدىكى پاختا يىپنىڭ شىنجاڭدىن چىقىش ھەققى تولۇقلىمىسى  ھەر توننىسى 700 يۈەندىن 800 يۈەنگە كۆتۈرۈلگەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پاختا يىپنىڭ شىنجاڭدىن چىقىش ھەققى ھەر توننىسى 800 يۈەندىن 1000 يۈەنگە كۆتۈرۈلگەن؛ كارخانىلار ئىچكى ئۆلكىلەردىن رەخت سېتىۋالسا، سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ %2 ى توشۇش تولۇقلىمىسى قىلىپ بېرىلىدۇ؛ توقۇمۇچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلسا، ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ تەربىيەلەيدۇ، تەربىيەلەش ھەققىنى ئەسلىدىكىدەك تەربىيەلەش ئورگانلىرىغا بېرىشتىن بىۋاسىتە كارخانىلارغا تولۇقلىما قىلىپ بېرىشكە ئۆزگەرتىلىدۇ. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان شىنجاڭلىق خىزمەتچىلەرنىڭ سۇغۇرتىسىنىڭ كارخانىلار كۆتۈرىدىغان قىسمىغا ھۆكۈمەت %50 تولۇقلىما بېرىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش