ئىچىملىك ساھەسىدە ئابىدە تىكلىگەن كارخانىچى ئوبۇل ھەسەن روزى
رايۇنىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ سەركىللىرنىڭ بىرى ، شېركەتنىڭ ھەرخىل ئىچىملىكلىرى خەلقىمىزنىڭ ئچىملىك جەھەتتىكى ئىھتىياج بوشلۇقىنى قامداپ ،خەلقىمىزگە ھەقىقى يەرلىك شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئىشلەنگەن ھەرخىل يۇقرى سۈپەتلىك مەھسسۇلاتلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئابىدە بىئو-پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ، ئەلۋەتتە مۇشۇنداق تەرەققىي تاپقان كارخانىدا ئىقتىدارلىق باشلامچى، دېرىكتور بولمىسا شىركەت قۇدرەت تاپمايدۇ . بۇ ئىقتىدارلىق دېرىكتور ئابىدەنىڭ باشلامچىسى ئوبۇل ھەسەن روزى .
ئوبۇل ھەسەن روزى ھاجىم يەككە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ تىجارەتكە قىزىققان ھەمدە سودا-تىجارەت توغرىسىدا مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە بولغان. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان مەزگىللەردە كارخانا باشقۇرۇش، ئىقتىساد توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
2006-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، 30 كىۋادىرات مېتىرلىق ئىشخانا بىلەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭ ئابىدە بىئو -تېخنىكا شىركىتىنى ئەنگەئالدۇرغان.
2007-يىلى ئەتىيازدا تۇنجى بولۇپ «مانگو قۇۋۋەت ئىچىملىكى» نى شىنجاڭ بازىرىغا سېلىش بىلەن شىركەت تىجارىتىنى باشلىغان. شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە مەھسۇلاتلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقارغان.
2010-يىلى 1-ئايدا، خوتەن-جېجياڭ سانائەت باغچە رايونىدا ئابىدە بىيو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى بولغان شىنجاڭ خوتەن ئابىدە يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنى (گازلىق ئىچىملىكلەردىن باشقا)دىيارىمىزدا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرىشقا خاتىمە بەرگەن.
2013-يىلى تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ خوتەن شەھىرى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىغا «شىنجاڭ خوتەن ئابىدە ئورالما ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ چىققان.ئوبۇل ھەسەن روزى ھازىر ئابىدە بىئو -تېخنىكا شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ،«مۇنەۋۋەر كارخانىچى»، «ئون مۇنەۋۋەر ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ بىرى»دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۈرۈمچى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇسۇسىي كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئوبۇل ھەسەن روزى باشچىلىقىدىكى ئابىدە شىركىتى شىركەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە رايونمىزدىكى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ ، يەنە شۇنداقلا دىيارىمىزنىڭ پوتبولچىلىقىنى قوللاپ ھۇررا پوتبول كۇلۇبىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ ،نۆۋەتتە ھۇررا ئابىدە پوتبول كوماندىسى تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشمەكتە . بۇنىڭدىن سىرت ئابىدە شىركىتى بۇ يىل شىنجاڭ باغداش ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىگە مەبلەغ سېلىپ باغداش تورى ئەپ دېتالىنىڭ ئىشلىنىپ تارقىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى .