ئاتاقلىق رەسسام، مەرھۇم سەنئەت ئەربابى ئابدۇكېرىم نەسىردىن
ئۆمەرجان ئىمىن
كۆلتېكىنبولمىغان بولسا،ھەممىڭلار ئۆلگەن بولاتتىڭلار! ... كۆلتېكىن قازا تاپتى، ئۆزۈم ھەسرەتچەكتىم. كۆرەر كۆزۈم كۆرمەستەك بولدى، ئەقىل – ھۇشۇمدىن ئاداشقاندەك بولدۇم. ئۆزۈمھەسرەت چەكتىم، زامان، تەڭرى ياشايدۇ (ئۆلمەيدۇ). ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن...شۇنداق ئويلىدىم، كۆزۈمگە ياش كەلسە ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم، كۆڭلۈم بۇزۇلسا ئۆزۈمنىباستىم.مەن چەكسىز ھەسرەتلەندىم... خەلقىم يىغلاۋېرىپ كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالۇرمۇ؟دەپ ئويلىدىم...»
ـــ «كۆلتېكىنمەڭگۈ تېشى» دىن
2014 – يىلى 11 –ئاينىڭ 18 – كۈنى خەلقىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ مۇسىبەتلىك كۈن بولدى، بۇ كۈنى جۇڭگو بۈگۈنكىزامان گۈزەل سەنئىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، خەلقئاراغا تونۇلغان ئاتاقلىق رەسسام،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇيغۇرمەدەنىيەت – سەنئىتىنىڭ بىر گىگانت تۈۋرۈكى يىقىلدى، سەنئەت ئاسمىنىدىكى پارلاق، يېگانەبىر يۇلتۇز ئۆچتى. بىۋاپا پەلەك مەدەنىيەت – سەنئىتىمىزدىن ئۆچىنى ئالغاندەك، بىتەكرارسەنئەتكارىمىزنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتتى. بۇ مۇسىبەت مېنى خۇددى ھايات توختاپقالغاندەك، سەنئىتىمىزنىڭ نۇرى ئۆچۈپ كەتكەندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويدى. ئابدۇكېرىمنەسىردىن ئاكا بىر – بىرىدىن نادىر ئىجادىيەتلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ روھىنى نامايشقىلغان، ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتقان داڭدار سەنئەتكار بولۇپلاقالماي، مېنىڭ 25 يىللىق جان جىگەر ئاكا ئاغىنەم ئىدى. ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكا ئېسىلئەسەرلىرى، ئۆزىگە خاس سەنئەت يولى ئارقىلىقلا ئەمەس، يۈكسەك ئادىمىيىلىك پەزىلىتىۋە قىممەت قارىشى بىلەن ھاياتىمغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ساناقلىق زاتلارنىڭ بىرىئىدى. ئۇنىڭ بىلەن كەسپىي سورۇنلاردا ھەمسەپەر بولغاندىن باشقا، كېچە –كېچىلەپ قېنىشمايمۇڭدىشاتتۇق، ئۇنىڭ كەڭرى، ئازادە نەزەر دائىرىسى، يېڭىلىققا، ئىجادىيلىققا باي، مول بىلىمى، كىشىنىڭ زۇقىنى كەلتۈرگىدەك كەچۈرمىشلىرى،كەم ئۇچرايدىغان ئاقسۈڭەكلەرگە خاس مىجەز – خاراكتېرى، ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان سۆزسەنئىتى، ھاياتقا تۇتقان مۇھەببەتلىك مۇئامىلىسى مېنى ھەيران قالدۇراتتى، ھاياتيولۇمغا ئۈلگە بولاتتى. ھەر قېتىم ئۆچمەس تەسىراتلارغا ئىگە بولاتتىم. ئابدۇكېرىمنەسىردىن ئاكا 25 يىللىق بۇرادەرچىلىكىمىز جەريانىدا ئۇستازىملائەمەس، بىر قۇرساق قېرىندىشىمدەك بولۇپ قالغان ئىدى. تېخى تۆنۈگۈنلا ماڭا ئىللىقباققان مۇلايىم كۆزلىرىنىڭ مانا بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەنلىكىگەھازىرغىچە ئىشىنەلمەي، ئۆزۈمگە كېلەلمەي يۈرۈپتىمەن. ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىمۇپات – پات جۆيلۈپ: «ئۆمەرجان كەلدىمۇ؟» دەپ توۋلاپ كېتىشلىرىنى، ھەر قېتىم خوشلۇشۇپ يانغىنىمدا كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپماڭا يېنىش – يېنىشلاپ قاراپ كېتىشلىرىنى قانداقمۇ ئۇنۇتقىلى بولسۇن؟! ئۇنىڭ بىلەنپۈتكۈل تارىم ۋادىسىنى بىللە كەزگەندىكى گۈزەل، رۇمانتىك كەچۈرمىشلىرىمىزنىقانداقمۇ ئۇنۇتۇپ كەتكىلى بولسۇن؟! ماناھازىر شۇ ئۇنتۇلماس كۈنلەر قايتا – قايتا يادىمدىن كېچىپ،كۆز ياشلىرىم كومپىيوتېرئېكرانىنى غۇۋالاشتۇرۇپ تۇرسىمۇ، تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن مۇشۇ يازمىنى يېزىپئولتۇرۇپتىمەن.
ئۇنداقتا، ئابدۇكېرىم نەسىردىنكىم؟
ئابدۇكېرىم نەسىردىن 1947 –يىلى 2 – ئايدا ئۈرۈمچىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1960 – يىلى يەكەنناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)سەنئەت فاكولتېتىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىي تېخنىكومىنى، 1967 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەرئىنىستىتوتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) گۈزەل سەنئەت فاكولتېتىنىڭتولۇق كۇرسىنى، 1981 – يىلى مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتى ماي بوياق رەسىمفاكولتېتىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىنى پۈتتۈرگەن.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئىلگىرى –ئاخىرى «ئىلى گېزىتى» (1970 – 1972)، ئىلى ئوبلاستلىق كۆرگەزمىخانا (1972 – 1978)،شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسى (1981 – 2005)، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى گۈزەل سەنئەتئىنىستىتوتى ( 2005 – يىلىدىن ھازىرغىچە) قاتارلىق ئورۇنلاردا گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى،كەسپىي ئىجادىيەتچى، كەسپىي رەسسام، ئاكادېمىيە باشلىقى، ئىنىستىتوت مۇدىرى بولۇپخىزمەت قىلغان.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن دۆلەتلىك 1– دەرىجىلىك رەسسام، پىروفېسسور، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتى، شىئەن گۈزەلسەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولۇپ، جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭكېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو تام رەسىمئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك رەسىم باھالاش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى،شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنىئۆتىگەن.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن تەبىئەتنى،تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىجتىھادلىق رەسسام بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ھاياتىنى ئېلىمىزنىڭ، جۈملىدىنمىللىتىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە گۈزەل سەنئەت مائارىپىغا بېغىشلىغان.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئۆزىنىڭ سەنئەتھاياتىدا «مەشرەپ»، «قۇمۇل مەشرىپى»، «دولان مەشرىپى»، «مۇڭ»، «كېرىيەلىكلەر»،«ئانا»، «شاتگۈل»، «تەڭرىتاغدىكى باھار» (تام رەسىم)، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىياشىسۇن» (مەركەزدىن ئاپتونوم رايونىمىزغا تەقدىم قىلىنغان ‹ئىتتىپاقلىق داڭقىنى› ناملىق چوڭ تىپتىكى قاپارتما ھەيكەل)،«تىنچلىق كەپتىرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «ۋارىسلىق . ماسلىق: كۈسەن ئۇسسۇلى ۋەدولان مەشرىپى»، «تەكلىماكاندىكى قۇم – بوران . يېشىل يېمەكلىك – قېتىق» (ھاياتىنىڭئاخىرقى مەزگىللىرىدە سىزغان) قاتارلىق يۈزلىگەن نادىر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىئىجاد قىلغان. «ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئەسەرلىرى توپلىمى»، «ئابدۇكېرىم نەسىردىن»،«جۇڭگو ماي بوياق رەسسامى – ئابدۇكېرىم» قاتارلىق توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرغان. ئۆزىبىر قوللۇق پىلانلاپ تۈزگەن توپلام - كىتابلاردىن «جۇڭگو شىنجاڭ مەكىت دېھقانلىرىرەسىم توپلىمى»، «شىنجاڭنىڭ 100 داڭلىق سەنئەتكارى» (CD پىلاستىنكاتوپلىمى)، «شىىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسى ئەسەرلىرى توپلىمى»، «ئۈمىد يۇلتۇزى :شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى»، «3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو مايبوياق رەسىم كۆرگەزمىسى – شىنجاڭ ئەسەرلىرى توپلىمى» قاتارلىقلار بار. «مىللىيلىقمۇياكى خاسلىق؟»، «ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىم ئۇسلۇبى يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش»،«ئىجادىيەتتە ھېس قىلغانلىرىم»، «بەدەن سەنئىتى مەنتىقىسى» قاتارلىق نۇرغۇن ئېسىلماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ، فىرانسىيە، ئىتالىيە،گىرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئۆگىنىش، تەتقىقات، تەجرىبەئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە بولغان. ھازىرغىچە ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، شياڭگاڭ،ئالمائاتا، بېشكەك، بولۇنىيە، پارىژ قاتارلىق شەھەرلەردە شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىسىنىئۆتكۈزگەن (نۇرغۇن قېتىملىق كوللېكتىپ كۆرگەزمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا). «ۋارىسلىق .ماسلىق: كۈسەن ئۇسسۇلى ۋە دولان مەشرىپى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى جۇڭگو گۈزەلسەنئەت سارىيى، ئىتالىيە بولۇنىيە سەنئەت ئىنىستىتوتى قاتارلىق داڭلىق گۈزەل سەنئەتسارىيى ۋە موزېيلاردا مەڭگۈلۈك ساقلاشقا ئېلىپ قېلىنغان.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن 1990 –يىللاردىن بۇيان « گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسىس»شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان بولۇپ، يەنە 2005 – يىلى ب د ت پەن – مائارىپ – مەدەنىيەت تەشكىلاتى مۇتەخەسىسىلەر ئۆمىكىگە تەكلىپقىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى ب د ت پەن – مائارىپ - مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىنباھالانغان «دۇنيادىكى 100 مەشھۇر مۇتەخەسىس» كە بېرىلىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكىئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى - «ئالتۇن ئوردېن» مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان. ئەسەرلىرى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە نۇرغۇن قېتىم«ئالاھىدە مۇكاپات»، «تام رەسىم كاتتا مۇكاپاتى»، «مىس مىدال موكاپاتى» ۋەئاپتونوم رايون بويىچە 1 -، 2 - دەرىجىلىك رەسىم مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولغان.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئېلىمىزنىڭ،جۈملىدىن دىيارىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت مائارىپىدىمۇ شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان بولۇپ،يۈزلىگەن قابىل ئىزباسار رەسساملارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. دىيارىمىزنىڭ بۈگۈنكىزامان گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە مائارىپىدا تايانچ كۈچ بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭكۆپ قىسمى ئۇنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك تەربىيەلىگەن شاگىرىتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن يېتۈك رەسسام،نوپۇزلۇق گۈزەل سەنئەت مائارىپچىسى بولۇپلا قالماي، دىيارىمىز، ھەتتا ئېلىمىز گۈزەلسەنئەت ساھەسىدىكى ئابرويلۇق گۈزەل سەنئەت تەشكىلاتچىسى ۋە پائالىيەتچىسىدۇر. ئۇ كۆپيىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمزنىڭلا ئەمەس، ئېلىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىكىمۇھىم پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىلمىي ئۇنۋان ۋە مۇكاپاتلارنىباھالاش، بېكىتىش ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكىتۆھپىلىرى گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىن ھالقىپ، پۈتكۈل مەدەنىيەت ساھەسىگە قەدەر مەنپەئەتلىكتەسىر كۆرسەتكەن.
ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ تەرجىمىھالى ۋەئەسەرلىرى «جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ئېنسىكلوپىدىيەسى»، «20 – ئەسىر جۇڭگو ماي بوياق رەسىملىرىتوپلىمى»، «جۇڭگو ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم سەنئىتى»، «دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەرقامۇسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن يوقىرىقىدەكتۆھپە – ئۇتۇقلىرى بىلەن ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىلا ئەمەس، جۇڭگو، ھەتتا دۇنياگۈزەل سەنئەت ساھەسىدىمۇ مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدىغان، يىقىلماس ئابىدە تىكلىگەن مەشھۇر رەسساملارنىڭبىرى .
مەرھۇم ئابدۇكېرىم نەسىردىنئادىمىىيلىك ئىستىلى دۇرۇس، كەڭ قۇرساق، كەمتەر، خۇشپېئىل، يۇمۇرىستىك، چىقىشقاق،كۆيۈمچان خاراكتېر – مىجەزى بىلەن كەسىپداشلار ئارىسىدىلا ئەمەس، كەڭ جامائەتچىلىكئارىسىدىمۇ يۈكسەك ئىناۋەت تاپقان پازىل زات ئىدى.
خەلقىمىز مۇشۇنداق بىر مۇنەۋۋەرپەرزەنتى، شۆھرەتلىك سەنئەتكارى بولغىنىدىن ئىپتىخارلىناتتى، ئۇنىڭ نامى ۋە ئەسەرلىرىنىھۆرمەت ۋە پەخىرلىنىش ئىچىدە سۈيۈنۈپ تىلغا ئالاتتى. مىڭ ئەپسۇس!!!، خەلقىمىز، ئېلىمىز،ھەتتا دۇنيا گۈزەل سەنئەت ساھەسى يېگانە بىر يارقىن يۇلتۇزدىن ئايرىلىپ قالدى...
ئۆز ئەسەرلىرىدە تارىم ۋادىسىنىڭقۇياش نۇرى، قەدىمىي سەددىچىننىڭ تىنچلىق كەپتىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شامىلىنىبىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە «تەكلىماكانغا قايتىش»ھادىسىنى ياراتقان مەشھۇر رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىرىدىننى خەلقىمىز ئەبەدىلئەبەت ئۇنۇتمايدۇ.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيا گۈزەل سەنئەت تارىخىنىڭ ئالتۇن قۇرلىرىدا مەڭگۈ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
ئەلۋىدا، ئۇستاز! ياتقان جايىڭىز جەننەتتە بولغاي