ئۇيغۇر ماركا تورى
تېما: ماركا ئىگىلىرى دىققەت ! بۇخىل ئالدامچىلىققا سىزمۇ ئۇچراپ قالىسىز [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى: akbarjan ۋاقىت: 2016-10-25 01:06
تېما: ماركا ئىگىلىرى دىققەت ! بۇخىل ئالدامچىلىققا سىزمۇ ئۇچراپ قالىسىز
ماركا ئىگىلىرى دىققەت ! بۇخىل ئالدامچىلىققا سىزمۇ ئۇچراپ قالىسىز
ماركا رويىخەت ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ ، دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى توربېكىتىدە ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىنغاندىن كىيىن ، بۇنى كۆرگەن بىرقىسىم سۈيۈملىك ھايانكەش ماركا ۋەكالەتچىلىرى ( ئاساسەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىلەر) ماركا ئىگىسىگە پوچتىدىن خەت ئەۋەتىپ ، ماركا رويىخەت ئىلتىماسى تەستىقلانغانلىقىدەك خوش خەۋەرنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە ، يەنە تولۇقلاپ 1000 يۈەن تاپشۇرمىسا ماركا رويىخەت كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، ماركا ئىگىلىرىدىن پۇل ئۈندۈرىۋېلىشنى ئويلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق بولۇپ ، ماركا رويىخەت ئىلتىماسىغا بىر قېتىم پۇل تاپشۇرساقلا بولدى، ئەگەر ئىلتىماس قايتۇرۇلۇپ ، قايتا ئەرىز سۇنمىساقلا باشقا ھېچقانداق چىقىم كەتمەيدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا رويىخەت ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزلىرى ھاۋالە قىلغان ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ ، بۇ خىل ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتىمىز .
ئۇيغۇر ماركا تورى – شىنجاڭ پاكدىل سودا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى ماركا ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى بولۇپ ، شىركىتىمىز دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىغا قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرغان ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن باشتىن ئاخىر ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ . ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ماركا لايھەلەش، ئورام قاپ لايھەسى ۋە سودا ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .
ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 18096962812 0997-8181000 0997-8138052
ئۈندىدار : 18096962812 چ چ : 373758718
خۇش كەپسىز ئۇيغۇر ماركا تورى (/bbs/) |
Powered by Discuz! X3.2 |