شىۋىتسارىيە بانكىلىرىنىڭ داڭ چىقىرىشىنىڭ سەۋەبى
ھەممىمىزگە ئايان شىۋىتسارىيە دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، پۇل مۇئامىلە ، ساياھەتچىلىك ، سائەت ياساش شىۋىتسارىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۈچ ئاساسىي تۈۋرۈكى دەپ قارىلىدۇ . شىۋىتسارىيە ھەم دۇنيادىكى پاراۋانلىقى ئەڭ ياخشى دۆلەتلەرنىڭ بىرى . بولۇپمۇ شىۋىتسارىيە بانكىلىرىنىڭ دۇنيادا داڭقى بار . دۇنيادىكى داڭلىق بايلار ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى ، دۇنيادىكى داڭلىق زەھەر ئەتكەسچىلىرى ، بەزى مۇستەبىت ھاكىميەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ، دېڭىز قاراقچىلىرى ، بەزى دۆلەتلەردىكى چىرىك ئەمەلدار پۇللىرىنى شىۋىتسارىيە بانكىلىرىغا قويىدۇ .
نىمە ئۈچۈن شىۋىتسارىيە بانكىلىرى دۇنيادىكى شۇنچە كۆپ ئامانەت پۇللارنى جەلپ قىلىدۇ ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟ شىۋىتسارىيە بانكىلىرىنىڭ دۇنياۋى داڭ چىقىرىشلىرىنىڭ تارىخى سەۋەبى نەدە ؟ شىۋىتسارىيەنىڭ پاراۋانلىقى نىمە ئۈچۈن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدۇ ؟ دىگەن سوئاللارنى چۆرۈدەپ ئۆزۈمنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى بىلىشىمنى بايان قىلىپ باقاي . خاتا كەتكەن ياكى كام بولۇپ قالغان يەرلىرى بولسا تورداشلارنىڭ تولۇپلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مەقسىدىم مۇشۇ ئازغىنە تېمىنى چۆرىدەپ ھازىرقى دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرىزىس توغرىسدا كۆپرەك نەرسىلەرنى ھىس قىلغان تورداشلارنىڭ بىلىدىغان نەرسىلىرىدىن ئورتاق بەھرلەنسەك دىگەن نىيەتتىمەن .
ئەسلىدە شىۋىتسارىيە بانكىلىرىغا پۇل قويغاندا ، بانكا پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى سۈرۈشتۈرمەيدىكەن . پۇل ئامانەت قويغۇچى پەقەت بانكىدىن مەخپىي نومۇر ئېلىپ ھىسابات ئاچسىلا بولىدىكەن . ھەر بىر بانكىدا مەخپىي نومۇرنى باشقۇرىدىغان بىر ئادەم بولىدىكەن ، مەخپىي نومۇرنى شۇ باشقۇرغۇچى ۋە بانكىنىڭ باشلىقىدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدىكەن . مەخىي نومۇرنىڭ مەخپىيەتلىكى قاتىىق ساقلىنىدىكەن . ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭمۇ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بولمايدىكەن . مانا مۇشۇ بىخەتەرلىك شىۋىتسارىيە بانكىلىرىنىڭ بىخىەتەرلىك جەھەتتىكى ئىناۋىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئامانەت پۇللارنى جەلپ قىلغان .
شىۋىتسارىيە بانكىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ ، دۇنيادىكى ئامانەت پۇل يىغىشنىڭ مەركىزى بولۇپ قېلىشىنىڭ تارىخىي سەۋەبى مۇنداق : يەنى شىۋىتسارىيە بانكىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى ، بىخەتەرلىكىنىڭ يۇقۇرى بولىشى ، 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلانغان بولۇپ ، ئەينى يىللاردا گىرمانىيەدە يەھۇدىيلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىنتايىن روناق تاپقان بولۇپ ، گىرمانىيەنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىنى مۇنوپول قىلىۋالغان ، ئەمما گىرمانىيەدە تاپقان پۇللىرىنى ، خوشنا دۆلەت شىۋىتسارىيەدىكى بانكىلارغا يۆتكەپ ئامانەت قويغان . 1929 - يىلىدىن 1931 يىلىغىچە بولغان دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرزىس ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە خېلى قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇپ ، گىرمانىيەمۇ بۇ ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىدە خېلىلا ھالسىرىغان چاغلار ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا پۇلنى گىرمانىيەدە تېپىپ ، شىۋىتسارىيەدە بانكىغا قويىدىغان بۇ ئىش گىتلېرنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن ۋە گىرمانىيەدىكى ھەر بىر يەھۇدىي باينىڭ كەينىگە ئىككىدىن ئادەم سېلىپ ، يالاپ ئاپىرىپ ، يەھۇدىي بايلارنىڭ پۇللىرىنى شىۋىتسارىيە بانكىلىرىدىن گىرمانىيە بانكىلىرىغا ئاچىقتۇرۇۋالغان .
گىرمانىيەدىكى بۇ خىل سىياسەتتىن ئەنسىرىگەن شىۋىتسارىيە بانكىلىرى پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك يەنى پۇل ئامانەت قويغاندا قويغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەستىن پەقەت پۇل قويغۇچى بانكىغا پۇل قويغاندا پەقەتلا مەخپىي نومۇر ئالسىلا بولىدىغان تۈزۈمنى يولغا قويغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل بانكا تۈزۈلمىسى دۇنيادىكى نۇرغۇن دېڭىز قاراقچىلىرى ، پارىخور ، چىرىك ، ھارامدىن بېيىغان ، دۆلەت رەھبەرلىرى ، قارا جەمىيەت كاتتىۋاشلىرىنىڭ ھارام پۇللىرىنى ساقلاپ بېرىشكە يېشىل چىراق ياققان . شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن شىۋىتسارىيە بانكىلىرىنىڭ بىخىەتەرلىك ئىشەنچە دەرىجىسى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ پۈتۈن دۇنايدىكى ئامانەت پۇللارنى جەلپ قىلىشقا باشلىغان .
ئەمما 1996 - يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا ، ياۋروپا ئىتىپاقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا ، شىۋىتسارىيە بانكا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپ ، سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتتى . يەنى 1991 - يىلىدىكى پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كېيىن ، ئامېرىكا سادامنىڭ شىۋىتسارىيە بانكىسىغا قويغان 10 مىليارد دوللار ھارام بايلىقى بار دەپ قاراپ ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى بۇ پۇلنى ئىزدەشكە كىرىشكەن ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن 1996 - يىلى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى شىۋىتسارىيەدىكى جەنۋە كۆلى بويىدىكى كىچىك بىر ئايرىدىرومنىڭ ئاستىدىن 274 توننا ئالتۇننى بايقىغان . تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئالتۇننىڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن فىلىپپىننىڭ سابىق مۇستەبىتى ماركوزنىڭ پۇلى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان . شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكىمىتى بۇ ئىشقا قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىنى < سىلەر بىر ئەسىردىن بۇيان دۇنيادىكى مۇستەبىت پادىشاھلارنىڭ ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ قېنىنى شوراپ يىققان ھارام بايلىقلىرىنى ساقلاشقا ، زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ھارام بايلىقلىرىنى ، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى چىرىك ئەمەلدارلىق خەلقنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەن ھارام بايلىقلىرىن ساقالاشقا يېشىل يىراق يېقىپ بېرىۋاتىسىلەر ، سىلەرنىڭ بۇ خىل بانكا تۈزۈلمىلىرىڭلارنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقت كېلىپ قالدى > دەپ غەرپتىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنى شىۋىتسارىيەنىڭ بانكا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشىگە قىستاش توغرىسىدا چاقىرىق قىلغان . شۇ يىلى شىۋىتسارىيە ئامالسىز بۇ خىل پۇل ئامانەت قۇيغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك بانكا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتكەن . ئەمما ھەر بىر بانكا يەنە ئەڭ كۆپ پۇل ئامانەت قويغان 10 كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەس تۈزۈمىنى قىسمەن ساقلاپ قالغان .
يەنە بىرى ، شىۋىتسارىيەدە ھەر يىلى ئېنىقلاش ئارقىلىق نەچچە يۈزمىليارد پۇلنىڭ ئىگىسى چىقمىغانلىقى بېكىتىلىدىكەن . ئىگىسى يوق بۇ خىل پۇللار ھەر يىلى 200 - 300 مىليارد دوللارغا بارىدىكەن . مانا مۇشۇ ئىگىسىز پۇللار شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مائارىپ ، دوختۇرخانا قاتارلىقلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن .