نىمكەش ئۆي سېتىۋېلىش توختامىنى ئىمزالاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
لېي ليەنيىڭ
نىمكەش ئۆي سودىسىدىكى ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئۆي سودىسى توغرىسىدا مۇئەييەن بىلىمگە ئىگە بولۇشى كېرەك. شىنجاڭ بەيفېڭ تيەنيۈەن ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن لى يەنگاڭ مۇنداق دېدى: ئۆي سېتىۋېلىش بىر چوڭ ئىش، توختام ئىمزالاش ھەرگىزمۇ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئىسمىنى يېزىش بىلەنلا پۈتىدىغان ئاددىي ئىش ئەمەس، توختامغا ئىمزا قويۇش بىلەنلا قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. نىمكەش ئۆي سودىسىدىكى تالاش – تارتىشلارنىڭ كۆپىنچىسى توختامدىكى ئېنىقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ. نىمكەش ئۆي توختامى يېڭى ئۆي توختامىغا قارىغاندا مۇرەككەپ بولۇپ، ئىمزا قويۇشتىن بۇرۇن چوقۇم تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىش، سودا جەريانىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىمكانقەدەر توختامغا يېزىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىيالايدۇ.
←نوپۇسنى يۆتكەش ۋاقتى
ۋاقتىدا نوپۇسىنى يۆتكىمىگەنلەر ياكى نوپۇس يۆتكەش ئوڭۇشلۇق بولمىغانلار قانداق قىلىدۇ؟ كونكرېت نوپۇس يۆتكەشنىڭ كونكرېت ۋاقىت چەكلىمىسىنى بېكىتىپ توختام ئىمزالىنىپ 60 كۈن ئىچىدە نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ تۈگىتىش، دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئېنىق ئەسكەرتىش كېرەك.
←ۋاقتىدا ئۆينىڭ رەسمىيىتىنى يۆتكىمەسلىكنىڭ جازاسى
ئىككى تەرەپ كېلىشىپ قايسى بىر تەرەپ ئەگەر ۋاقتىدا ئۆينىڭ تەۋەلىكىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسە ھەر بىر كۈنلۈكى ئۈچۈن ئومۇمىي ئۆي پۇلىنىڭ% 5ى بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلەيدۇ، ئەگەر پۈتۈشكەن ۋاقىتتىن 15 كۈن ئۆتۈپ يەنىلا بېجىرمىسە ئومۇمىي ئۆي پۇلىنىڭ% 20ى بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلەيدۇ، دەپ يازسا بولىدۇ.
←پۇل تۆلەش ۋاقىت چېكى
پۇل تۆلەشتىكى مۇھىم نۇقتا پۇل تۆلەيدىغان ۋاقىت ۋە پۇل تۆلەش شەكلى بولۇپ، ئېنىق ئەسكەرتىش كېرەك.
←ۋاقتىدا پۇل تۆلىمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى
پۇل تۆلەش ۋاقتى ئۆتۈپ 15 كۈنگىچە پۇل تۆلىمىسە پۇل تۆلەش ۋاقىت چېكى توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئەمەلىي پۇل تۆلەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر بىر كۈن ئۈچۈن سېتىۋالغۇچى ئۆي پۇلىنىڭ ئون مىڭدىن بەش پىرسەنتى بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدۇ، بۇ پۇلنى ئۆي پۇلىنى تۆلەپ بولۇپ 15 كۈنگىچە ئۆينى ساتقۇچىغا تاپشۇرىدۇ ھەم توختام داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
كېلىشكەن كۈندىن 15 كۈن ئۆتۈپ كېتىپ سېتىۋالغۇچى يەنىلا پۇل تاپشۇرمىسا ساتقۇچى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، سېتىۋالغۇچى توختام بىكار قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ 15 كۈنگىچە يىغىلىپ قالغان كېچىكتۈرۈش پۇلىنىڭ% 20ى بويىچە ساتقۇچىغا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلىگەندىن كېيىن ساتقۇچى سېتىۋالغۇچى ئالدىن تاپشۇرغان بارلىق ئۆي پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
←ئۆينى تاپشۇرۇش ۋاقتى
تەۋەلىك ھوقۇقى يۆتكەلگەن، ئۆينىڭ بارلىق پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان ياكى تۇنجى قېتىم تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىنكى قانچىنچى خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى يازسا بولىدۇ.
ياكى بولمىسا ئىككى تەرەپ كېلىشكەن مەلۇم كۈندە دەپ بېكىتسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم كونكرېت بىر كۈننى ئېنىق بېكىتىش كېرەك، مەسىلەن: ئۆينىڭ رەسمىيىتى يۆتكەلگەندىن كېيىنكى ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە دېگەندەك.
←ۋاقتىدا ئۆينى تاپشۇرماسلىقنىڭ جەرىمانىسى
قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ سىرتىدا ئۆينى ۋاقىت ۋە تەلەپ بويىچە تاپشۇرۇپ بەرمىسە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
ئۆينى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بەرمىسە ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا كېچىكتۈرۈلگەن ھەر بىر كۈن ئۈچۈن ئۆي باھاسىنىڭ ئون مىڭدىن بەش پىرسەنتى بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلەيدۇ. ئۆينى تاپشۇرۇپ بېرىشكە كېلىشكەن كۈندىن 15 كۈن ئۆتۈپ كېتىپ ئۆينى يەنىلا تاپشۇرمىسا سېتىۋالغۇچى ئۆينى قايتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، سېتىۋالغۇچى ئەگەر ئۆينى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا 15 كۈنگىچە ساتقۇچى ئۆينىڭ پۇلىنى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ھەم ئۆي سېتىۋالغۇچى تۆلىگەن پۇلنىڭ% 20ى بويىچە سېتىۋالغۇچىغا توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلىشى كېرەك.
←ئۆيدە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش
ئۆيدە ئىلگىرى ئولتۇرغانلارنىڭ نوپۇسى ئادەتتە ئۆينىڭ رەسمىيىتى يۆتكىلىپ بەش كۈن ئىچىدە يۆتكەپ كېتىلىدۇ.
ئەگەر يۇقىرىقى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ 15 كۈنگىچە نوپۇسىنى يۆتكەپ كەتمىسە ئومۇمىي ئۆي پۇلىنىڭ% 5ى بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلەيدۇ، ئەگەر 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسە كۈنلۈكىگە ئومۇمىي ئۆي پۇلىنىڭ% 5ى بويىچە توختاملىق خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلەيدۇ، ياكى رەنە پۇلى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى قوشۇمچە ماددىلارنى توختامغا چوقۇم يېزىش كېرەك
1. ئەگەر ئۆي رەنىگە قويۇلغان بولسا ساتقۇچى چوقۇم بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئۆينىڭ رەنىلىك ئورنىنى بىكار قىلىش.
2. ئەگەر ئۆي مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئۆي بولۇپ ساتقۇچى ئۆزىنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەپ كەتمەي سېتىۋالغۇچىنىڭ مۇشۇ ئۆي تەۋە رايوندىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى تەسىرگە ئۇچرىسا تۆلىنىدىغان تۆلەم سوممىسى.
3. ئۆيدىكى بېزەك بۇيۇملار ۋە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سانى، ماركىسى ۋە سۈرىتى
4. ۋاسىتىچى شىركەت ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغاندا ئەگەر سېتىۋالغان ئۆي رادىئاتسىيەنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقان ئۆي بولسا ئۆي باھاسىنىڭ% 10 پىرسەنتى بويىچە سېتىۋالغۇچىغا تۆلەم بېرىلىدۇ ياكى سېتىۋالغۇچى ئەسلى باھاسى بويىچە ئۆينى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
5. توختام ئىمزالاشتىن بۇرۇن سېتىلماقچى بولغان ئۆي پېچەتلەنگەن بولسا ۋاسىتىچى شىركەت تاپشۇرۇلغان بارلىق ئۆي پۇلىنى سېتىۋالغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
6. ئەگەر سېتىلغان ئۆينىڭ ئىلگىرىكى خوجىلىق ھەققى تۆلەنمىگەن بولسا بۇ ھەقنى خوجىلىق شىركىتى ئالدىن تۆلەيدۇ.
نىجات قۇربان (ت)