يىلىغا 180 مىڭ دوللار مائاش، 136 كۈن ئارام بېرىدىغان شىركەت
نۇر تورى تەرجىمىسى: Airbnb شىركىتى 2008- يىلى 8- ئايدا قۇرۇلغان، باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىگە تەسىس قىلىنغان. Airbnb شىركىتى ساياھەت ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىدىغان شىركەت بولۇپ، خېرىدارلار تور ياكى يانفون ئەمەلىي پروگراممىسى ئارقىلىق دەم ئالىدىغان ئۆينى ئىجارىگە بېرىش، ئىجارە ئېلىش ئۇچۇرىنى تارقاتسا ۋە ئىزدىسە ھەمدە توردا زاكاز قىلىش پروگراممىسىنى تاماملىسا بولىدۇ. Airbnb شىركىتىنىڭ ئابۇنتلىرى 190 دۆلەتتىكى 34 مىڭغا يېقىن شەھەرگە تارقالغان بولۇپ، ئۇلار ئېلان قىلغان ئۆي ئىجارە ئۇچۇرى 50 مىڭغا يېتىدۇ. Airbnb شىركىتى دەۋر ژۇرنىلى تەرىپىدىن «تۇرالغۇدىكى EBay» دەپ ئاتالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ شىركەت يەر شارىدىكى خادىملارغا ئەڭ ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەڭ بەختىيار شىركەتتۇر.
بۇ Airbnb شىركىتىدىكى بىر كىچىك ئەمەلدارنىڭ ئىشخانىسى! بۇ شىركەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان، ئۇلار ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرۇپلا يىغىن ئاچىدۇ، ئۇلار ئايروپىلان بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ئىشخانا مۇھىتىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
ئەگەر خۇسۇسىي بوشلۇققا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، پەردىنى چۈشۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ. بەزىدە بۇ يەردە يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، كۆڭۈلدىكىدەك ئىمتىھان ئالغۇچىلار ئۈستەلگە: «خۇش كەپسىز پالانچى» دېگەن خەت يېزىلغان ۋاراقچىنى قويۇپ قويۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئازادە كەيپىيات ئىچىدە ئەڭ ياخشى ھالىتىنى نامايان قىلدۇرىدۇ.
بۇ شىركەت ئىشىكىدىن كىرگەندىلا كۆرۈنىدىغان چوڭ زال، ئازادە ھەم يورۇق. ئىشخانىغا كىرسىڭىز خۇددى ساياھەت قىلىۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ، ئىشخانا رايونىنىڭ كۆپىنچىسى ئوچۇق ھەم يۆتكىلىشچان. كۆپ ھاللاردا خادىملارنىڭ مۇقىم خىزمەت ئورنى بولمايدۇ، ئۇلار ھەر كۈنى ئۆزى ئەڭ ئازادە دەپ قارىغان ئۇسۇل بويىچە خىزمەت قىلسا بولىدۇ. مەيلى قايسى قاتلامدا بولسۇن، مەيلى شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولسۇن ھەممىسىنىڭ مۇقىم ئىشخانىسى يوق.
ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا يۆتكىلىپ ئىشلىسە، جاھاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ قەھۋە ئىچسە بولىدۇ. سىز يەنە بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، ئاپتاپقا قاقلانغاچ خىزمىتىڭىزنى باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھېرىپ كەتسىڭىز ئازراق ئوينىۋالسىڭىز ھېچقىسى يوق ...
ئۇيقۇڭىز كەلسە خالىغان چاغدا ئۇخلىيالايسىز ... ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك ۋە ئېسىل ھاراقلار يەتكۈچە تەمىنلىنىدۇ، ئۇششاق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى خالىغانچە يەپ ئىچىسىز. بىنانىڭ ئۆگزىسىدە يەنە پىۋا بار، خالىغان چاغدا چىقىپ بىرەر ئىستاكان ئىچىۋالسىڭىز بولىدۇ! شىركەتكە ئەرمەك ھايۋاننى ئېلىپ كېلەلەيسىز، بۇ شىركەتتە ھەر ۋاقىت ئىت- مۈشۈكلەرنىڭ خالىغانچە يۈگۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز! ھەتتا ئىت- مۈشۈكلەر ئۈچۈن مەخسۇس يېمەكلىك تەمىنلەنگەن. بەلكىم سىز بۇنداق قىلسا خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتمەمدۇ، پەقەت ئازادىلىك، كۆڭۈل ئېچىش، خالىغانچە يەپ– ئىچىش بولسىلا خىزمەتتە سەگەك بولغىلى بولالامدۇ، دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.
دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ شىركەتتە خىزمەتتىن قانائەتلىنىش تۈپەيلىدىن بىخەستىلىك كۆرۈلمەيدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ كەڭرى تەپەككۇر بوشلۇقى بولغاچقا، خادىملار ھەر ۋاقىت ئىلھامىنى نامايان قىلغۇسى كېلىدۇ. KPI (ھالقىلىق كەسىپ نەتىجىسى) ئوتتۇرىغا تاشلاقلىق، ئاخىرىدا نەتىجە ئارقىلىق گەپ قىلىدىغان گەپ. گەرچە سىز يېتىپ تۇرۇپ، ئۆمىلەپ تۇرۇپ، مەست ھالدا ياكى ساياھەتكە چىقىپ خىزمەت قىلغان بولسىڭىزمۇ ......
ئۇنداقتا بۇ پەن- تېخنىكا شىركىتىنىڭ تەمىناتى ۋە ئارام ۋاقتى قانداقراق؟ بۇ شىركەتتە، 1- سەپتىكى خادىملارنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 180 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ! جەمئىي 46 تۈرلۈك ئارام ۋاقتى بار، بۇلارنى قوشقاندا جەمئىي 136 كۈن! ئۇنىڭ ئۈستىگە خادىملار ساياھەتكە چىقسا، شىركەت ئايروپىلان بېلىتى، ئاپتوموبىل خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىدۇ!
بۇ شىركەتنىڭ كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان تەرىپى ئۇلارنىڭ ئادەمگە غەمخورلۇق قىلىشىدا، مەيلى شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولسۇن، ياكى يەر شارىدىكى بارلىق Airbnb ئابۇنتلىرى بولسۇن، ھەممىسى تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تەڭ تىرىشىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2015- يىلى بۇ شىركەتنىڭ كاپىتالى %800 كۆپىيىپ، TPG، T. Rowe Price ،Dragoneer ،Founders Fund، قىزىل شەمشاد كاپىتالى ۋە رۇسىيە DST قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلغان.