پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 43|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دۇنيادىكى كاتتا باي جەمەت - روكفېللېر جەمەتىگە نەزەر (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
دۇنيادىكى كاتتا باي جەمەت - روكفېللېر جەمەتىگە نەزەر (1)


      

20170412185944489.jpg (32.79 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش

      

بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورى ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن مىلياردېر داۋىد روكفېللېر 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى «بىرىنچى جەمەت» دەپ نام ئالغان روكفېللېر جەمەتىنىڭ 3- ئەۋلادىنىڭ ھەممىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، بىر بايلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى.
ئۆتكەن 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، روكفېللېر دېگەن بۇ نام پۈتۈن ئامېرىكا ھەتتا خەلقئارادىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەدە ئېغىزدىن چۈشمەي كەلگەن بولۇپ، دۇنيا بايلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىناتتى.
سىز بەلكىم بۇ جەمەت «كەشىپ قالغان» تۆۋەندىكىلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن:

20170412190031826.jpg (45.07 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


روكفېللېر مەركىزى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي ئىمارەت توپى، روكفېللېر جەمەتىنىڭ 2-ئەۋلاد ۋارىسى كىچىك جون روكفېللېر سالغان.

20170412190106850.jpg (107.3 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابى تۇرۇشلۇق بىنا: دۇنيادىكى بىردىنبىر بىر پارچە دۇنيا زېمىنى، روكفېللېر جەمەتى مەبلەغ چىقىرىپ سالغان.

20170412190140428.jpg (30.29 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


دۇنيا سودا مەركىزى: 911 ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاي، بۇنىمۇ روكفېللېر جەمەتى باشلامچىلىق بىلەن سالغان.

20170412190208404.jpg (36.12 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


فرانسىيە ۋېرسال سارىيى: 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خارابىگە ئايلىنىشقا ئاز قالغان، روكفېللېر جەمەتىنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلىنىپ قالغان.

20170412190239720.jpg (49.55 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


روكفېللېر جەمەتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئاددىي ئەمەس.
بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى: جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانا، روكفېللېر جەمەتى فوندىنىڭ ئىئانىسى بىلەن سېلىنغان.

20170412190311734.jpg (56.98 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى: ئەينى چاغدىكى يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 13 ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپ 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا روكفېللېر جەمەتى فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆلچەم نېفىت شىركىتى، موبىل نېفىت شىركىتى، چەس بانكىسى، چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتى، روكفېللېر ئۇنىۋېرسىتېتى، ھازىرقى زامان سەنئەت سارىيى قاتارلىقلار بار. روكفېللېر جەمەتى ھەممىلا جايدا مەۋجۇت.

20170412190428742.jpg (11.78 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


روكفېللېر جەمەتى ئەپسانىسىنىڭ ئىجادچىسى بولغان جون روكفېللېردىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئامېرىكىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ جەمەت ھازىرغىچە ئالتە ئەۋلاد گۈللەندى.
                     

20170412190937872.jpg (17.62 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


مۆجىزىۋى ئامېرىكا چۈشى ـــ نېفىت ماگناتىنىڭ بارلىققا كېلىشى
روكفېللېر جەمەتىنىڭ قۇرغۇچىسى جون روكفېللېر 1839-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ساختا دورا ساتىدىغان بىر ساختىپەز ئىدى، ئانىسى بولسا ئىخلاسمەن خىرىستىئان مۇرىتى ئىدى. ئۇ دادىسىدىن پايدا ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان تىجارەت دەستۇرىنى ئۆگەنگەن، ئانىسىنىڭ سادىقلىقى، ئاددىي- ساددىلىقى ۋە ئاقكۆڭۈللۈكىگە ۋارىسلىق قىلغان، بۇلار ئۇنىڭ كېيىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
جون روكفېللېر ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سودا كەسپىدە ئاران ئۈچ ئاي تەربىيەلىنىپ، ئاساسىي بوغالتىرلىق، ھېسابلاش، سودا ۋە بانكا بىلىملىرىنى ئۆگەندى، ئۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىقىپ جاھاندارچىلىققا كىرىشىپ كەتتى.
ئۇ ئاۋۋال بىر سودا شىركىتىدە ئۈچ يىل بوغالتىرلىق قىلغان، خوجايىنى بىلەن ئىش ھەققى ئۆستۈرۈش ئىشىدا كېلىشەلمىگەچكە خىزمەتتىن ئىستىپا بەرمەكچى بولدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەينى يىلى كۇرستا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى كلارك ئىگىلىك تىكلەش شېرىكى ئىزدەۋاتقانىدى، ئۇ جون روكفېللېرنىڭ مالىيە سەۋىيەسى يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولدى. جون روكفېللېر كلاركنىڭ ئويلىغانلىرىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندى، ھەمدە ئەخلاقسىز دادىسىدىن يىلىغا %10 لىك يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن 1000 دوللار قەرز ئېلىپ، كلارك بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇنجى شىركىتىنى قۇردى، ئۇلار ئاساسلىقى ئاشلىق ۋە گۆش ئېلىپ- ساتتى.

20170412190929782.jpg (14.56 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


1860- يىلى، ئامېرىكا تۇپرىقىدا بىر مەيدان نېفىت قېزىش دولقۇنى قوزغالدى، يېڭى سودا پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان جون روكفېللېر بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلاشقاندىن كېيىن، نېفىت چەككىلەشنىڭ نېفىت قېزىشقا قارىغاندا تەننەرخى تۆۋەن، پايدىسى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، نېفىت چەككىلەش كەسپىگە ئاتلىنىشنى قارار قىلدى. ئۇ ئەنگلىيەدىن بىر نەپەر خىمىيە ئالىمىنى تەكلىپ قىلىپ، كىرسىن تاۋلاش تېخنىكىسىغا مەسئۇل قىلدى، ھەمدە كلاركنى ئۆزى بىلەن بىللە قۇرۇلما ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكىدا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى پارتلاپ، نېفىتكە بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشتى، كىرسىن ئىشلىتىشمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى. 1863-يىلى نېفىت چەككىلەش كەسپىگە ۋاقتىدا سېلىنغان مەبلەغ جون روكفېللېرنىڭ ئىشلىرىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىرگۈزدى.

20170412190458646.jpg (7.86 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


جون روكفېللېر نېفىت چەككىلەش كەسپىدە غايەت زور پايدا ئالغاچقا، كۆلەمنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، نېفىت قېزىش، نېفىت توشۇش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرگە تۇتۇش قىلدى، ھەمدە ئالدى بىلەن چەتئەلدە سېتىش تورى بەرپا قىلدى. 1863-يىلى جون روكفېللېرنىڭ نېفىتى تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كىرىپ، روكفېللېر نېفىت ئىمپىرىيەسى تەدرىجىي شەكىللەندى.
جون روكفېللېر ئامېرىكىنىڭ نېفىت كەسپىنى ترېست مونوپول شەكلىدە كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ %90 نېفىتى ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، جون روكفېللېر دۇنيادىكى بايلىقى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان تۇنجى بايغا ئايلاندى. جون روكفېللېر 1937-يىلى قازا قىلغان چاغدا، سىرتتىكىلەر ئۇنىڭ بايلىقىنى بىر مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى دەپ مۆلچەرلىدى، ئامېرىكىنىڭ شۇ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 92 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جون روكفېللېرنىڭ بايلىقى ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %1.5 تىنى ئىگىلىگەنىدى. تۈرلۈك ئورگانلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر جون روكفېللېر ھازىر ياشىغان بولسا، ئۇنىڭ بايلىقى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، باففىت، بىل گەيتېس قاتارلىق بايلاردىن خېلىلا كۆپ بولار ئىكەن.

20170412190805171.jpg (61.21 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

چۈشۈرۈش

2017-4-13 23:00 چىقىرىش


ئاقكۆڭۈل بايۋەچچە ـــ روكفېللېر جەمەتىنىڭ قۇرۇلما ئۆزگەرتىشى
جون روكفېللېر ئايالى لاۋرا بىلەن تۆت قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ قىز، بىر ئوغۇل ھايات قالغان، يالغۇز ئوغۇل كىچىك جون روكفېللېر روكفېللېر جەمەتىنىڭ 2- ئەۋلاد ۋارىسى ھېسابلىنىدۇ.
روكفېللېر گەرچە غايەت زور بايلىق توپلىغان بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئاددىي- ساددا ئىدى، ئۇ بالىلىرىنىڭ بەتخەجلىك قىلىشتىن ساقلاش ئۈچۈن، ئەزەلدىن بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا ۋە نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىغا ئېلىپ بارمايتتى، ئۇلارغا دادىسىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيتتى.

روكفېللېر ئائىلىسىدىمۇ بىر يۈرۈش تەقلىدىي بازار ئىگىلىكى بەرپا قىلغانىدى، ئۇنىڭ ئايالى لاۋرا «باش دىرېكتور» ئىدى، بالىلىرى ئۆي ئىشى قىلىپ خەجلەيدىغان پۇل تاپاتتى، ھەر بىر كىرىم- چىقىم ئەستايىدىل ھېسابات قىلىناتتى.
روكفېللېر بالىلىرىغا كەمتەرلىكنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، تۆت بالىسىغا ئاران بىر ۋېلىسپىت ئېلىپ بەرگەنىدى. كىچىك جون روكفېللېر چوڭ بولغاندا ئوڭايسىزلانغان ھالدا، ئۆزىنىڭ سەككىز ياشتىن ئىلگىرى يوپكا كېيىدىغانلىقى، ئاچىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ چوڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش